باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى چۈەنجوۋدا باشلاندى

2015.02.13 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى 11- فېۋرال چۈەنجوۋدا باشلاندى. گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جياڭ جيەنگو، فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى يوۋ چۈەن باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، جاڭ جيەنگو سۆز قىلغاندا، « تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى يارىتىش، قول تۇتۇشۇپ دېڭىز ئۈستى يىپەك يولىنى ئورتاق قۇرۇش» تېمىسىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى، جۇڭگو ئىچى سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس ئالىملارنى تەكلىپ قىلىپ ھەمكارلىشىش ئامالىنى كېڭىشىپ، تەرەققىيات ئىستىراتىگىيسىنى پىلانلاپ، بىر قېتىملىق ئەقلى كۈچنىڭ بىرىكىشى، جامائەت پىكرىنىڭ بىرىكىشىدەك پايدىلىق سىناش بولدى، دېدى.

  جياڭ جيەنگو، شى جىنپىڭ باش شۇجى 2013- يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقى جەنۇبى ئاسىياغا زىيارەتكە چىققاندا، « يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى» ۋە «21- ئەسىر دېڭىز ئۈستى يىپەك يولى»نى قۇرۇش ئىستىراتىگىيلىك قىياسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئاكتىپ ئىنكاسىنى قوزغىدى، دېدى.

  تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر