باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش ئۈچۈن 14 تۈرلۈك تەدبىر ئېلان قىلدى

2015.02.13 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قامالغۇچىنىڭ ئادالەتسىزلىك ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشى بىلەن كارى بولمىغان تەپتىش ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ئىجراسى تەپتىش نازارىتى يېقىندا «جىنايى ئىشلار ئىجراسىنى تەپتىش قىلىش خىزمىتىدە ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئېلان قىلىپ، مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار ئىجراسى تەپتىش تارماقلىرىدىن ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ۋاقتىدا بايقاپ، ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  قاماقخانىغا كىرىپ-چىققان قامالغۇچىلارنىڭ بەدەن سالامەتلىكى تەكشۈرۈشىنى قاتتىق نازارەت قىلىش كېرەك

  جىنايى ئىشلار ئىجراسى تەپتىش تارماقلىرى ئاساسلىقى تۈرمە، قاماقخانا قاتارلىق جىنايى ئىشلار ئىجرا ئورگانلىرىنى نازارەت قىلىپ، تۈرمە، قاماقخانا قاتارلىق جايلارغا تەپتىش ئەمەلدارى ئەۋەتىش ئارقىلىق نازارەت قىلىنغۇچىنى خورلاشتىن ئالدىنى ئېلىشنى نازارەت قىلىش، قالمالغۇچىنىڭ ئەرز-دەۋاسىنى قوبۇل قىلىش، جازاسىنى كېمەيتىش، كېپىلگە قويۇپ بېرىش، داۋالىنىش ئۈچۈن كېپىلگە بېرىش قاتارلىق ئىجرانى ئۆزگەرتىش قىلمىشىنى نازارەت قىلىش قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار ئىجراسى تەپتىش نازارىتىنىڭ نازىرى يۈەن چىگو مۇنداق دېدى: جىنايى ئىشلار ئىجراسى تەپتىش تارماقلىرى ناھەق، يالغان، خاتا دېلولارنى بايقاش، ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزىتىش خىزمىتىدە ئالاھىدە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئورنىنى ئالماشتۇرغىسىز رول ئوينايدۇ.

  بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان پىكىر 14 ماددىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جىنايى ئىشلار ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنىڭ ھەر تەرىپىگە قارىتا كونكېرت تەلەپ ۋە تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جىنايى ئىشلار ئىجراسى تەپتىش ئەمەلدارلىرى قامالغۇچى، مەجبۇرىي داۋالانغۇچى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي ۋاكالەتچىسى، يېقىن تۇغقانلىرىنىڭ ئەرزى، شىكايىتى، پاش قىلىشىنى ئەستايىدىل بېجىرمىسە، ناھەق، يالغان، خاتا دېلو بولۇش مۇمكىنچىلىقى بولغان دېلولارنى قوبۇل قىلمىسا، بېجىرمىسە، قانۇن بويىچە بېجىرىشكە يۆتكەپ بەرمىسە، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلمىسا ياكى خىزمەت ئورنىدا بىپەرۋالىق قىلسا ئەھۋالىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر