ماتېرىيال سۆرەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېبرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋازى «مەملىكەت خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 2015- يىلى، مەكتەپ پۇتبولچىلىقى تەرەققىياتىنىڭ قانداق يۇقىرى قاتلام لايىھىسى بار؟ مائارىپ مىنىستىرلىكى تەنتەربىيە سەھىيە ۋە سەنئەت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ دېڭفېڭ بۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى ئالاھىدە مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، مەكتەپ پۇتبۇلچىلىرى قوشۇنىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى، تەربىيىلەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرىدۇ.
بۈگۈن، مائارىپ مىنىستىرلىكى باش بولغان مەملىكەتلىك ياش – ئۆسمۈرلەر مەكتەپ بۇتبولچىلىقى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرىنچى قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ۋاڭ دېڭفېڭ يىغىندىن كىيىن تۇنۇشتۇرۇپ، مائارىپ مىنىستىرلىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى 6000ئەتراپىدىكى مەكتەپ پۇتبولچىلىقى ئالاھىدە مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، 10سىناق ناھىيە قۇرۇشنى پىلانلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى