باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاراشەھەر ناھىيەسى شىگشىن ئەدلىيەخانىسىنى 1–دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئالدى

2015.02.13 13:15         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى پارتكومى يېقىندا ئەدلىيە سىستېمىسىدا قاراشەھەر ناھىيەسى شىگشىن ئەدلىيەخانىسىدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى قاراشەھەر ناھىيەسى شىگشىن ئەدلىيەخانىسىنى 1 – دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى، دەپ ئەنگە ئېلىشنى قارار قىلغان ھەم مەملىكەت بويىچە ئەدلىيە سىستېمىسىدىكىلەرنى شىگشىن ئەدلىيەخانىسىدىن ئۆگىنىشكە چاقىرىق قىلغانىدى. بۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەدلىيە مەمۇرىي ئورگانلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن 30 نەچچە يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ شەرەپكە ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

  شىگشىن ئەدلىيەخانىسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ‹‹قانۇن ئىدارە قىلىشنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش›› خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىدىغان ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ يۈكسەك باھاسىغا ئېرىشتى. بۇ ئەدلىيەخانا يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان 2428 زىددىيەت – ماجىرانى ئوڭۇشلۇق مۇرەسسە قىلىپ، مۇرەسسە قىلىپ بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتىنى%100كە، ئۇتۇقلۇق بولۇش نىسبىتىنى%99 كە يەتكۈزدى.

  بۇ ئەدلىيەخانا خەلق تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بەردى. جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر ۋە مەھەللىدىكى 11 نۇقتىلىق تەربىيەلەش ئوبيېكتىنىڭ قەرز ئېلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشىغا كېپىل بولدى، كەنتتىكىلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشىگە پۇل غەملەپ بەردى، قانۇن ياردىمى بېرىش خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ئەدلىيەخانىدىكى خىزمەتچىلەر ئۇدا ئون يىل ھەر ئايدا مائاشىدىن 90 يۈەن ئاجرىتىپ، 16 نامرات ئوقۇغۇچىنىڭ ئوقۇشىغا، قىيىنچىلىقى بار 18 ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا ياردەم بېرىپ كەلدى.

  شىگشىن ئەدلىيەخانىسى ناھىيە بويىچە ‹‹خەلق رازى بولغان ئورۇن››، ئاپتونوم رايون بويىچە ‹‹قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۆلچەمگە يەتكەن ئورۇن››، ‹‹بەشتە ياخشى ئەدلىيەخانا››، ‹‹مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك ئەدلىيەخانا›› قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشتى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر