باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ‹‹ <ئۈچ ئۆزئارا> نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاموژنىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھات لايىھەسى›› نى تارقاتتى

2015.02.13 13:13         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن يېقىندا ‹‹<ئۈچ ئۆز ئارا>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تاموژنىنى راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىسلاھات لايىھەسى››(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹لايىھە›› دەپ ئېلىندى)نى تارقاتتى. بۇنىڭدىن كېيىن ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ۋە چېگرا رايونلارنىڭ تاموژنا ھەمكارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تاموژنا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئۆز ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆز ئارا تۈرتكە بولۇشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 2020 – يىلىغا بارغاندا ئىچكى قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ۋە چېگرا رايونلارنىڭ تارماق، رايون ھالقىغان تاموژنا ھەمكارلىقى مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، ئۇچۇرلاردىن ئورتاق پايدىلىنىلىدۇ، ئوخشاش تارماقلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئوخشىمىغان تارماقلار ئارىسىدا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا ئۆز ئارا ماسلىشىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش نەتىجىسىنى ئۆز ئارا ئېتىراپ قىلىش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان ھەم خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  ‹‹لايىھە››دە خەلقئارا ئەشيا ئوبوروت يولى قۇرۇلۇشىغا ماس كېلىدىغان تاموژنا باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە ئەشيا ئوبوروتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پورت قانۇن ئىجرا ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان مېخانىزملاشقان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ‹‹سودىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى››نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ ئەركىن سودا (پورت) رايونى بىلەن تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ‹‹ئەركىن سودا (پورت) رايونى – تاموژنا ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى – رايون سىرتى››نى دەرىجىگە ئايرىپ تەقلىدىي كېڭەيتىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ‹‹لايىھە››دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: تاموژنا باشقۇرۇشقا ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ئاپپاراتلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىنكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ‹‹يەككە كۆزنەك›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تاموژنىدىن ئۆتۈش ھالقىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، زۆرۈر قانۇن ئىجراسىدىن باشقا، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئالدىغا سۈرۈش، كېيىن تەكشۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق زۆرۈر بولمىغان قانۇن ئىجرا قىلىش ھالقىلىرىنى ئالدىغا ياكى كەينىگە سۈرۈپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە نەق مەيداندا قانۇن ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش؛ ‹‹بىرلەشمە تەكشۈرۈش، بىر قېتىمدىلا ئۆتۈشكە رۇخسەت قىلىش››تىن ئىبارەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش يېڭى ئەندىزىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، بىرلىكتە ئالدىغا بېرىپ تەكشۈرۈش قاتارلىق ‹‹بىر بېكەتلىك مەشغۇلات››نى يولغا قويۇش؛ ئىچكى قۇرۇقلۇق، دېڭىز بويى ۋە چېگرادا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش بىلەن تەكشۈرۈش، كارانتىن قىلىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجازەتنامىدە بېكىتىلگىنى بويىچە تاموژنىغا مەلۇم قىلىش – باشقۇرۇشنى پەيدىنپەي ئەمەلدىن قالدۇرۇش؛ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشتە قەغەزسىز مەشغۇلات قىلىش ۋە ئىجازەتنامىنى توردا تەكشۈرۈشنى كەڭ دائىرىدە يولغا قويۇش؛ يولۇچىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆزى ئۆتۈشىنى ئاكتىپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ مېخانىزمنى ئەلالاشتۇرۇش ئاساسىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تۈزۈلمىسىنى تەدرىجىي ئىسلاھ قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ يۈرگۈزۈش ۋە تارماق ھالقىغان بىرلەشمە قانۇن ئىجرا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش؛ تەكشۈرۈش – كارانتىن قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنىۋېرىسال قانۇن ئىجرا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر