باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

لياۋنىڭ ئۆلكىسىدە نازىر دەرىجىلىك بەش ئەمەلدار پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى

2015.02.10 14:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شېنياڭ، 9-فېۋرال تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 9-فېۋرال پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلغان نازىر دەرىجىلىك بەش ئەمەلدارنى ئېلان قىلغان، ئۇلار لياۋنىڭ ئۆلكىسى تيېلىڭ شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى لىن چياڭ، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋپۇ، لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سابىق باشلىقى سۇڭ جىڭچۈن، لياۋدۇڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لۈ جىچېن، شېنياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى، يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ۋاڭ يەنلىڭ. ئۇلارنىڭ ئىنتىزام، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىشقا چېتىشلىق قىلمىشى ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ زور سوممىلىق پارا بېرىش-ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە لىن چياڭ، جاڭ شياۋجىن ۋە ۋاڭ يەنلىڭلارنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا خىيانەت قىلىش قىلمىشى باركەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر