باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن 3-ئايدا بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

2015.02.02 15:55         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى 5-مارت، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى 3-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشخانىسى بىلەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئىشخانىسى 1-فېۋرال جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىمىز، دېدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى، سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ غەربىي چاڭئەن كوچىسىغا جايلاشقان مېدىيا مەركىزىدە ئاخبارات مەركىزى تەسىس قىلىدۇ، بۇ مەركەز جۇڭگو ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ يىغىننى زىيارەت قىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ. ئاخبارات مەركىزى 27-فېۋرال رەسمىي ئىش باشلايدۇ.

  ئىككى يىغىننى زىيارەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان مۇخبىرلار ئىلتىماس سۇنۇشى كېرەك. مەركەز ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، يەرلىك ئۆمەكلەر بىلەن بىللە كېلىدىغان مۇخبىرلار ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئارقىلىق ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مۇخبىرلار مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى مۇخبىرلار مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالاقە ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، تەيۋەن رايونىدىكى مۇخبىرلار گوۋۇيۈەن تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ، چەتئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىرى ئاخبارات مەركىزىگە ئىلتىماس سۇنىدۇ، چەتئەللەردىن جۇڭگوغا ۋاقىتلىق كېلىدىغان مۇخبىرلار جۇڭگونىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىسى ياكى ئېلىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھوقۇق بەرگەن ۋىزا ئورگىنىغا ئىلتىماس سۇنىدۇ. مۇخبىرلارنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 25-فېۋرالغىچە.

  ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، تور بېتى زىيارەت ئۇچۇرلىرى ۋە زىيارەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر