باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ سەييار سوت كوللىگىيەسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن تەجرىبە توپلىشى كېرەك

2015.01.29 16:48        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جۇ چياڭ تۈنۈگۈن شېنجېندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىرىنچى سەييارە سوت كوللىگيەسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سوت مەھكىمىسى ئەدلىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئۈچۈن تەجرىبە توپلاپ، جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتىگە، ئەدلىيە قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان سوت مەھكىمىسىنى باشقۇرۇش ۋە يۈرگۈزۈشنىڭ يېڭى قېلىپى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك، جۇ چياڭ مۇنداق دېدى: ئالىي خەلق سوت مەھكمىسى بىرىنچى سەييارە سوت كوللىگيەسى ئادىل ئەدلىيەنىڭ ئۈلگىسى، ئەدلىيەنى خەلق ئۈچۈن يۈرگۈزۈشنىڭ نەمۇنىچىسى، ئەدلىيە ئسلاھاتىنىڭ باشلامچىسى بولۇشى كېرەك، چىيەنخەي سوت مەھكىمىسى سوتسيالىستىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشنى مۇھىم بۇرچى قىلىپ، دېلو بايلىقىنى تولۇق قېزىپ، ئانالىز ۋە تەتقىق قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈچەيتىپ، دېلوغا قاراپ چىقىش جەريانىدا يېڭى، ۋەزىيەت خاراكتىرلىك مەسىلىلەرنى بايقاپ، پارتكوم، ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە تەدبىر، تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسى بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدوڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ چۇنخۇا بىلەن جۇچياڭ شۇ كۈنى بىرلىكتە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى بىرىنچى سەييارە سوت كوللىگيەسى ۋە شېنجېن شەھىرى چيەنخەي ھەمكارلىق رايونى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋىۋىسكىسىنى ئاچتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر