باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

GDP نىشانىنى سۇسلاشتۇرۇش-ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى لوگىكىسىغا ئايلاندى

2015.01.29 16:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى تېز سۈرئەتتە ئاشۇرۇشتىن ئوتتۇراھال سۈرئەتتە ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا كىردى، ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلغان يەرلىك ئىككى يىغىنلاردا ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى سۇسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىردەك سىگنال چىقىرىلىپ، يېڭى ھالەتتىكى يەرلىك ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى لوگىكىسىنى چۈشەندۈرىدىغان كۆزنەككە ئايلاندى.

  شىزاڭ بۇلتۇر كۆزلىمىدىكى %12 لىك تېز سۈرئەت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇ يىل ئوخشاش ئاشۇرۇش كۆزلىمىسىنى ساقلىغاندىن سىرت، چۇڭچىڭ، جېجياڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئوتتۇرىغا قويغان ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش نىشانى كىچىك كۆلەمدە تۆۋەنلىدى، ئەمما يەنىلا مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلانماقتا.

  بۇ يىللىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم جايلار ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىشانىنى سەرخىللاشتۇرۇش ياكى بىكار قىلىشنى سىناق قىلىشقا باشلىدى، مەسىلەن: گۈيجۇ ئۆلكىسى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى ئون نۇقتىلىق ناھىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىشانىنى بىكار قىلدى.

  جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ھالىتىدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىشانىنى سۇسلاشتۇرۇپ، يەرلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاشۇرۇش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى، سۈپىتى، ئۈنۈمىنى قەيەردىن قولغا كەلتۈرۈش دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. يەرلىك ئىككى يىغىنلاردا ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتلىرى بۇنىڭغا ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش،، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، رايونلارنى بىر تۇتاش تەڭكەش تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنى جايلارنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدە بۇرۇلۇش ياساش، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ماتورىنى يېتىشتۈرۈشنىڭ كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتىن ئىبارەت ئېنىق جاۋابنى بەردى.

  بۇ يىل-ئېلىمىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ھالقىلىق يىل شۇنداقلا 12-بەش يىللىق پىلان تولۇق ئورۇنلىنىدىغان يىل، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىشانىنى سۇسلاشتۇرۇش بىلەن ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۆز ئارا تۈرتكىسى-جايلاردىكى ئىككى يىغىننىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرۇش نىشانىنى تۇنجى قېتىم بىكار قىلغان شەھەر بولغان شاڭخەي مۇنداق دېدى: بىز ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىگە بەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەيمىز، بەلكى ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنىڭ شاڭخەينىڭ تۆت مەركەزلىك ئورنىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى، جۈملىدىن مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىدار خاراكتېرلىك ئورگانلارنى مۇجەسسەملەشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىمىز.

  ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى نىشانىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېشىل تەرەققىياتقا ماكان قالدۇرۇشمۇ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىزمەت دوكلاتىدىكى كۆپ تىلغا ئېلىنغان سۆزلەرگە ئايلاندى. شىزاڭ مۇھىت ئىقتىدار رايونىغا ئايرىش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى، ئېكولوگىيە ئۈنۈم تولۇقلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى ئورۇنلاش ئارقىلىق، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. خۇنەن بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش ۋە سودىلىشىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، سۇ ھوقۇقى سودا تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىما مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېغىر مۇھىت مەسىلىلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر