باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گەنسۇ ئۆلكىسى مىنشيەن ناھىيەسىنىڭ ئاپەت رايونىدىكى 40مىڭ كەنت ئاھالىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى

2015.01.29 15:42         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېڭى يىل كىرىشى بىلەن تەڭ گەنسۇ ئۆلكىسى مىنشيەن ناھىيەسىدىن خۇش خەۋەر تارقالدى: ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، باشقا جايغا كۆچۈرۈش، يېزىلاردىكى خەتەرلىك، كونا ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا بېكىتىلگەن 40مىڭدىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسىنىڭ ئۆيىنى قايتا سېلىش ۋەزىپىسى تولۇق تاماملاندى.

  مىنشيەن ناھىيەسى مېيچۇەن بازىرى يۇڭشىڭ كەنتىدە يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان كەنتنىڭ خارابىلىكلىرى ئۆزگەرتىلىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا يېڭىدىن رەتلىك، چىرايلىق تۇرالغۇلار سېلىنىپ، كەنتنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. يېڭى ئۆيگە ئەمدىلا كۆچۈپ كىرگەن ليۇ شياۋشيا ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى:كۆز ئالدىمدىكى يەر تەۋرەشكە چىداملىق بۇ ئۆي مېنى خېلىلا خاتىرجەم قىلدى، ئەمدى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇم.

  2013 – يىلى 22 – ئىيۇل گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ مىنشيەن، جاڭشيەن ناھىيەلىرىدە 6.6 بال يەر تەۋرىدى، يەر تەۋرەش ئېغىر بولمىسىمۇ زىيان زور بولدى. بۇنىڭغا شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كۆپلەپ كېسەك ئۆيلەردە ئولتۇرغانلىقى سەۋەب بولدى.

  مىنشيەن ناھىيەسى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا 11 يېزا – بازار، 26 كەنتتىكى 45 مىڭ 758 ئاھالىنى 27 قايتا قۇرۇش مەركەزلەشتۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىغا ئورۇنلاشتۇردى، مىنشيەن ناھىيەسىدە ئۆيى قايتا سېلىنىدىغان 40مىڭدىن ئارتۇق ئاھالىنىڭ يېڭى ئۆيى يېڭى يىلدىن بۇرۇن پۈتتى، ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشتا بېكىتىلگەن ئۆيى رېمونت قىلىنىدىغان 35مىڭ 950 ئاھالىنىڭ ئۆيى تولۇق رېمونت قىلىپ بولۇندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر