26-يانۋار جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسىنىڭ باش دىرېكتورى شى ۋېنچاۋ (ئوتتۇرىدا)، جۇڭگونىڭ كىرودىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ يىڭ (ئوڭدىن ئىككىنچى كىشى)، كىرودىيە زاگرېب ئىقتىساد بانكىسىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى، قوشۇمچە بانكا كارتىسى نازارەتچىلەر يىغىنىنىڭ رەئىسى لۇسىس (سولدىن بىرىنچى كىشى) ۋە بىرلەشمە سان پاۋلو شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى خاۋسىر (سولدىن ئىككىنچى كىشى) كىرودىيەنىڭ پايتەختى زاگرېبتا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
شۇ كۈنى بانكا بىرلەشمىسى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كىرودىيە زاگرېب ئىقتىساد بانكىسى ۋە بىرلەشمە سان پاۋلو شىركىتى بىلەن بىرلەشمە بانكا كارتىسىنى قوبۇل قىلىش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ بانكا بىرلەشمىسى كارتىسىنىڭ تۇنجى قېتىم كىرودىيە بازىرىغا كىرىشى ئىكەن.