باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ۋيېتنام دۆلەت ھالقىغان بوۋاق بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

2015.01.27 17:52   مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو ۋيېتنام دۆلەت ھالقىغان بوۋاق بالىلارنى ئالداپ سېتىش دېلوسىغا ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 26-يانۋار، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى فاڭچېڭگاڭ شەھىرى «8-ئىيۇن» جۇڭگو ۋيېتنام دۆلەت ھالقىغان بوۋاق بالىلارنى ئالداپ سېتىش ئالاھىدە چوڭ دېلوسىغا ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

  شۇ كۈنى، گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى فاڭچېڭگاڭ شەھىرى «8-ئىيۇن» جۇڭگو ۋيېتنام دۆلەت ھالقىغان بوۋاق بالىلارنى ئالداپ سېتىش ئالاھىدە چوڭ دېلوسىغا ئىككىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلدى. ئاساسلىق جىنايەتچى خۇاڭ چىڭخېڭغا بىرىنچى سوتتا بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىش، خۇاڭ مەنلى، رۇەن شىجۈن قاتارلىق 22 نەپەر جاۋابكارغا بىرىنچى سوتتا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىدىن بىر يىل ئون ئاي مۇددەتلىك قاماق جازاسىغىچە بولغان جازالارنى ساقلاپ قېلىش، رۇەن شى شۆجېنغا بېرىلگەن مۇددەتلىك10 يىللىق قاماق جازاسىنى مۇددەتلىك 8 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىش، ھەم مىڭ يۈەندىن ئونمىڭ يۈەنگىچە جەرىمانە قۇيۇش ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى.

  2010- يىلدىن باشلاپ، خۇاڭ چىڭخېڭ، خۇاڭ مەنلى ۋە رۇەن شىجۈن قاتارلىقلار بوۋاق بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايەت گۇرۇھىنى تەدرىجى تەشكىللەپ شەكىللەندۈرگەن. بوۋاقلارنى ۋېيتنامدىن جۇڭگو گۇاڭشىنىڭ دوڭ شىڭشىياڭ شەھىرى ئارقىلىق گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جىيې ياڭ، شەنتوۋ شەھەرلىرىگە ئېلىپ بېرىپ ساتقان ياكى يۆتكىگەن، ھەم ۋېيتناملىق ھامىلدار ئاياللارنى جۇڭگوغا كېلىپ يەڭگىشكە تەشكىللەپ، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن سېتىۋەتكەن.2010- يىلىدىن دېلو پاش بولغانغا قەدەر، بۇ شايكا سېتىۋەتكەن بوۋاق بالا 20 نەچچە نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى قۇتقۇزۇپ چىققان دېلوغا مۇناسىۋەتلىك بالا 11 نەپەر ئىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شىنجاڭ بىلەن ياردەم بەرگەن جايلار ئارىسىدا قول تۇتۇش ھەرىكىنى قانات يايدۇرىدۇ …
      ·بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپىرانت ئوقۇغۇچىسىنىڭ دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ تاشلىدى
      ·138 ئالىي مەكتەپ 180 تۈردە 2014-يىللىق دۆلەتلىك پەن تېخنىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشتى 
      ·ئامېرىكىدا بالىنى 18 ياشقىچە بېقىش ئۈچۈن 245 مىڭ دوللار كېتىدۇ
      ·2015-يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باھالاش ئۆلچىمىنى ئۆزگەرتىدۇ، جەريان خاراكتېرلىك ب…
      ·شىنجاڭ: ئەڭ ياخشى مائارىپ بايلىقىنى ئەڭ چەت رايونلارغا يەتكۈزىمىز
      ·«تولۇق 3-يىللىقتا پەقەت ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، خەنزۇ تىلىنىلا ئۆگىنىشكە بولمايدۇ»
      ·دۆلەت ھۆكۈمەتنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن چەت ئەلدە ئوقۇشقا بۇ يىل 23 مىڭ كىشى قوبۇل قىلدى
      ·جۇڭگو-قازاقىستان مەركىزىي بانكىلىرى ئۆز پۇللىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى
      ·مەرھابا ئاسپىرانت قىزلار، تىرىشچانلىقىڭلارغا ئاپىرىن