خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت كومىسسارى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى گو شېڭكۇن 26- يانۋار بېيجىڭدا تۈركىيە ساقچى باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشتى.گو شېڭكۇن: ھازىر خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتى ئېغىر، مۇرەككەپ، «شەرقى تۈركىستان ھەرىكىتى» قاتارلىق تېرورچى كۈچلەر جۇڭگو تۈركىيە ئىككى تەرەپنىڭ مۇقىملىقى ۋە خەلقنىڭ خاتىرجەملىكىگە ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپ تېخىمۇ بىر قەدەم تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئوغۇرلىقچە چىگرادىن ئۆتۈشكە تەشكىللەشكە زەربە بېرىش تەرەپلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىشىپ، قوش تەرەپ بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق مىخانىزىمىنى توختىماي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەمكارلىق سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ۋە رايون تىنچلىقىنى قوغداشنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.
مۇھەممەد: تۈركىيە بارلىق شەكىلدىكى تېرورىزىمغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ھەمكارلىشىشنى خالايدۇ، دېدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى