باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغانلىق يولۇچى توشۇش بېلىتىنى قايتۇرۇش بۈگۈندىن باشلاپ ھەق ئېلىشنى باشلايدۇ

بېلەت ئالالمىغان يولۇچىلار دىققەت قىلسا بولىدۇ

2015.01.21 17:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-فېۋرال، پۈتۈن مەملىكەت 2015-يىللىق چاغانلىق توشۇشنىڭ بىرىنچى كۈنىنى كۈتۈۋالىدۇ. تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرى تارقاتقان پويىز بېلىتى قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش بەلگىلىمىسى بويىچە ھېسابلىغاندا، تۈنۈگۈن 4-فېۋرالنىڭ بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى، بۈگۈن نۆلدىن باشلاپ، يەنە 4- فېۋرالنىڭ بېلىتىنى قايتۇرسا، تىگىشلىك ھەق ئېلىشنى باشلايدۇ.

  بۇ يىل تۆمۈر يول تارماقلىرى ئالدىن بېلەت سېتىش ۋاقتىنى ئالدىن 60 كۈن قىلدى ھەم قايتۇرۇش، ئۆزگەرتىش يېڭى سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. پويىز قوزغىلىشتىن 15 كۈن بۇرۇن بېلەت قايتۇرسا، بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيەت ھەققى ئالمايدۇ، پويىز قوزغىلىشتىن 48 سائەت بۇرۇن بولسا بېلەت باھاسىنىڭ 5 % تى بويىچە، 24 سائەتتىن بۇرۇن، 48 سائەتتىن كىيىن بولسا بېلەت باھاسىنىڭ 10%تى بويىچە ھېسابلىنىدۇ، 24 سائەتكە يەتمىسە بېلەت باھاسىنىڭ 20%تى بويىچە ھېسابلىنىدۇ. دىققەت قىلىشقا لازىملىقى، ئۆزگەرتىلگەن بېلەت چاغانلىق توشۇش مەزگىلىدە بولسا ، بېلەت قايتۇرغان ۋاقىتتا بىراقلا پويىز قوزغىلىشقا 24 كە يەتمىگەن ئۆلچەم بويىچە بېلەت باھاسىنىڭ 20%تى بويىچە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنىدۇ.

  2015-يىلى 12-فېبرالدىن 18-فېبرالغىچە چاغانلىق توشۇش يۇقىرى دولقۇنى بولۇپ، 15 كۈن بۇرۇن بېلەت قايتۇرسا ھەقسىز بولغانلىقتىن، بۇيىل يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېبرالنىڭ بېشىغىچە بولغان نەچچە كۈندە بېلەت قايتۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن. بېلەت سېتىۋالالمىغان يولۇچىلار دىققەت قىلىپ قويسا بولىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر