باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خۇگې دېلوسى 2014-يىللىق ئاخباراتچىلىق، قانۇنچىلىقتىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ ئىش قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

2015.01.21 08:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «2014-يىللىق ئاخباراتچىلىق، قانۇنچىلىقتىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ ئىش»نىڭ تاللاش نەتىجىسى 18-يانۋار ئېلان قىلىندى. خۇگجىلتۇ دېلوسىغا قايتا سوت ئېچىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىش، گوۋۇيۈەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «ئۈندىدار ئون نىزامى» قاتارلىقلار تاللاندى.

  3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخباراتچىلىق، قانۇنچىلىق قۇرۇلۇشى ئىلىم-پەن باشلىقلار يىغىنى 18-يانۋار بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ تاللاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى. «2014-يىللىق ئاخباراتچىلىق، قانۇنچىلىقتىكى تەسىر كۈچىگە ئىگە ئون چوڭ ئىش» مۇنۇلار:

  ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ باش نىشانى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى؛ خۇگجىلتۇ دېلوسىغا قايتا سوت ئېچىپ گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىشى؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ئېلان قىلغان توردا ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلىش ھەق تەلەپ ماجىراسىنى ئەدلىيە جەھەتتىن چۈشەندۈرۈشى؛ پىتنە-ئېغۋا بىلەن «دوستلار چەمبىرىكى»نى بۇلغىماڭ، گوۋۇيۈەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «ئۈندىدار ئون نىزامى»؛ «21-ئەسىر تور دېلوسى»نىڭ يېڭى تاراتقۇلارنىڭ نازارەت قىلىش باشقۇرۇشىدىكى يوچۇقنى ئاشكارىلىشى؛ «كۇەيبو»نىڭ ھوقۇققا دەخلى-تەرز قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇنسىز تىجارەت سوممىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسى بويىچە 260 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلۇشى؛ فۇجيەن ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى سوتتا «نيەنبىن زەھەر تاشلاش دېلوسى»دىكى ئەرز قىلغۇچىنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم ئېلان قىلىشى؛ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىكى رۇي چېڭگاڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى؛ گوۋۇيۈەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى ئىشخانىسى قاتارلىق تارماقلارنىڭ خەۋەر يېزىشتىن پايدىلىنىپ قاقتى-سوقتى قىلىش ۋە ساختا خەۋەر يېزىشقا قاتتىق زەربە بېرىشى؛ چىن خوخو، لىئېرسۇسىنىڭ توردا پىتنە-ئېغۋا تارقىتىش دېلوسى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر