باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى كارخانىلارنىڭ كۈتۈنۈش پۇلىنى يۈتۈۋالمايدۇ

2015.01.21 08:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش پېنسىيونېرلارنىڭ تەمىناتىنى تۆۋەنلەتمەيدۇ

  گوۋۇيۈەن يېقىندا مەملىكەت بويىچە ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش خىزمىتى تېلېۋىزىيە-تېلېفون يىغىنى ئاچتى. ئورگان، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتى سۇغۇرتىلانغۇچىلارغا قانداق تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ؟ تەمىناتى تۆۋەنلەمدۇ؟ مەبلەغ كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ؟ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خۇ شاۋيى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 19-يانۋار ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا كىشىلەرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  خۇ شاۋيى مۇنداق دېدى: شەخسكە نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ قېتىمقى ئىسلاھات ئىككى جەھەتتە ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى. بىرىنچى، تۈزۈم ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتتى. ئەسلىدىكى تۈزۈم ئەندىزىسىدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كاپالەتلىك قىلاتتى، يەنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئورنىدىن پېنسىيىگە چىققانلارنى باشقۇراتتى. ھازىر ئىجتىمائىيلاشقان تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆزگىرىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئادەمنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەن كارى بولماي، ئوخشاش ئۆلچەم بويىچە پۇل تاپشۇرۇپ، فوندى ئارقىلىق پېنسىيونېرلارغا تەمىنات بېرىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، ئىش ئورنىدىن پېنسىيىگە چىققانلارنى كۈتۈش تەڭپۇڭسىز بولۇش ئەھۋالى تارقاقلىشىپ، ئىجتىمائىيلاشقان كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىگە ئايلىنىدۇ.

  ئىككىنچى، تەمىنات بېكىتىش مېخانىزمى ئۆزگەردى، يەنى كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسى ئۆزگەردى. ئەسلىدىكى ھېسابلاپ تارقىتىش چارىسىدە ئىككى ئامىلدىن پايدىلىناتتى، بىرسى پېنسىيىگە چىقىشتىن بىر ئاي بۇرۇنقى مائاشى ھېسابلاپ تارقىتىشنىڭ ئاساسى قىلىناتتى؛ يەنە بىرسى خىزمەت سىتاژىغا قاراپ قاتلامغا ئايرىلاتتى، مەسىلەن 10 يىلدىن تۆۋەنلەر، 20 يىل، 30 يىل، 35 يىل ئىشلىگەنلەر ۋەھاكازالار. ئوخشاش بىر ئون يىلنىڭ ئىچىدە ئىشلىگەنلەرنىڭ پەرقى يوق ئىدى، يەنى 21 يىل بىلەن 29 يىل، 31 يىل بىلەن 34 يىلنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. ئىسلاھات قىلغاندىن كېيىن، بۇ مېخانىزم پۇل تاپشۇرۇش يىل چېكى ۋە پۇل تاپشۇرغان مائاشىغا قاراپ ھېسابلىنىپ، بىر يۆنىلىشنى كۆرسىتىپ بەردى −−− پۇل تاپشۇرغان ۋاقتى قانچە ئۇزاق، پۇل تاپشۇرۇش سەۋىيىسى قانچە يۇقىرى بولسا تەمىناتىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر