باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىزاڭدا قىممەتلىك قەدىمكى كىتاب ۋە ھۆججەتلەر رەقەملەشتۈرۈپ ساقلاندى

2015.01.14 12:14         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىزاڭدا قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش ھازىر رەقەملەشتۈرۈش دەۋرىگە قەدەم قويدى، ھەرقايسى تارماقلار خىزمەت تەقسىماتى بويىچە، شىزاڭدىكى پاتتارا نوم، تارىخىي ئارخىپ، زاڭزۇ تېبابىتى دورىگەرلىك قامۇسى قاتارلىق زاڭزۇ يېزىقىدىكى قىممەتلىك قەدىمكى كىتاب ۋە ھۆججەتلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ، ئۇلارغا يېڭى ھاياتلىق ئاتا قىلدى.

  ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، مەملىكىتىمىزدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان زاڭزۇ يېزىقىدىكى قەدىمكى كىتابلار 1 مىليوندىن ئاشىدىكەن، ئۇنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى شىزاڭدا ساقلىنىۋېتىپتۇ، شىزاڭدا دۆلەتنىڭ قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كىتابلار 158 گە يېتىدىكەن. شىزاڭ ھازىر ئالى، ناگچۈ ۋە نيىڭچى قاتارلىق جايلاردىكى قەدىمكى كىتابلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، قەدىمكى كىتابلارنى قوغداپ رەقەملەشتۈرۈشكە ئاساس سالغان.

  نۇمۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىسى ھازىر قەدىمكى كىتابلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىنى كىرگۈزۈش، يۇقىرىغا يوللاش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئومۇمىيۈزلۈك باشلاپ، شىزاڭ قەدىمكى كىتابلار ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر سانلىق مەلۇمات ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقتى. ھازىر ‹‹شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق كۇتۇپخانىسىنىڭ ھۆججەت ۋە كىتابلار مۇندەرىجىسى››، ‹‹شىزاڭنىڭ قەدىمكى كىتابلىرىنى تەتقىق قىلىش دەرسلىكى››، ‹‹لىخاسا قەدىمكى كىتابلار مۇندەرىجىسى››، ‹‹دۆلەتنىڭ قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلار مۇندەرىجىسى›› ۋە ‹‹دۆلەتنىڭ قىممەتلىك قەدىمكى كىتابلار سۈرەتلىك خاتىرىسى››نى رەقەملەشتۈرۈش خىزمىتى ئاخىرلاشتى.

  نۇمۇ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە زاڭزۇ يېزىقىدىكى قەدىمكى كىتابلارنى رەقەملەشتۈرۈش ئۆلچىمىنى بېكىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنى زاڭزۇشۇناسلىققا ئاىئت ماتېرىياللارنىڭ تولۇق تېكىستلىق رەقەملىك نۇسخىلىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.

  ھازىر زاڭزۇ تېبابىتى دورىگەرلىك قامۇسىنى رەقەملەشتۈرۈش ئوخشاشلا ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلماقتا. شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق زاڭزۇ تېببىي ئىنستىتۇتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھازىر شىزاڭدىكى زاڭزۇ تېبابىتى دورىگەرلىكى توغرىسىدىكى 800 دىن ئارتۇق ھۆججەتنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە توردا ئىزدەپ تېپىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان، تەكشۈرۈپ تېپىش سىستېمىسى پات ئارىدا سىرتقا ئېچىۋېتىلىدىكەن.

  شىزاڭدا قەدىمكى كىتاب ۋە ھۆججەتلەرنىڭ %90ى بۇتخانىلاردا ساقلىنىپ كەلگەچكە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش مەركىزى بۇلتۇر فېۋرالدا سېرا بۇتخانىسى ۋە جوكېڭ بۇتخانىسى ئىشخانىسى قۇرۇپ، لاما دىنىنىڭ قەدىمكى كىتاب ۋە ھۆججەتلىرىنى يىغىپ، رەتلەپ ۋە رەقەملەشتۈرۈپ ئارخىپ تۇرغۇزۇش خىزمىتىنى باشلىغان.

  شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق قەدىمكى كىتابلارنى قوغداش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى باسىرېن مۇنداق دېدى: قەدىمكى كىتابلارنى رەقەملەشتۈرگەندە ھۆججەتلەرنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى توردا ياكى ئېلېكتىرونلۇق قىرائەتخانىدا ساقلىغىلى، كۆرگىلى بولىدۇ، نۇرغۇن قىممەتلىك قەدىمكى ھۆججەت تېخىمۇ ئىلمىي ئۇسۇلدا قوغدىلىپ، كەڭ تارقىتىلىدۇ ۋە مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر