باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭيى دورىلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2015.01.13 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىللىق مەملىكەتلىك جۇڭيى دورىلىرى خىزمىتى يىغىنى تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دۆلەتلىك جۇڭيى دورىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گوچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەمۇرىيەتنى قانۇن ئارقىلىق يۈرگۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يادرو قىلىپ، جۇڭيى دورىلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  ۋاڭ گوچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت قاتلىمىدا تۇرۇپ، جۇڭيى دورىلىرى تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە تۈزۈم جەھەتتىن لايىھەلەپ، ئستراتېگيەلىك، ئومۇملۈق، ئالدىن كۆرەرلىكنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش لازىم، جۇڭيى دورىلىرى قانۇنىنى زىچ چۆرىدەپ، ئالاقىدار يۈرۈشلۈك تۈزۈمنى تەتقىق قىلىش ۋە تۈزۈشنى كۈچەيتش، ئالاقاىدار قانۇن نىزام بەلگىلىمە تۈزۈش، تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە يېتىشىپ ۋە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتىنىشىپ، جۇڭيى دورىلىرى ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، جۇڭيى دورىلىرى مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ، بىر بىرى بىلەن باغلانغان، ئۆزئارا ماسلاشقان جۇڭيى دورىلىرى تۈزۈمى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  جۇڭيى دورىلىرىنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى بىر سىستېما قۇرۇلۇشى، جۇڭيى دورىلىرى قانۇنى چىقىرىش مۇساپىسىنى چۆرىدەپ، جۇڭيى دورىلىرى قانۇن نىزام سىستېما رامكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭيى دورىلىرى قانۇن تۈزۈم سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئىلگرى سۈرۈش لازىم، ھۆكۈمەت فۇنكىيەسىنى قانۇن ئارقىلىق يۈرگۈزۈشنى چۆرىدەپ، ھوقۇقىنى ئېنىقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەز ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار جۇڭيى دورىلىرى خىزمىتىدىكى ھوقۇق چېكىنى تەتقىق قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەسۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، ھەل قىلغۇچ تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى چۆرىدەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زور مەمۇرىي تەدبىرلەردىكى قائىدە، تەرتىپ ۋە مەسۇلىيەتنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش لازىم.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر