باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپپاراتلار 2014-يىللىق CPI نىڭ ٪2 ئەتراپىدا ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى پۇل قىسلىقى كۆزلىمىسى چوڭقۇرلىشىدۇ

2015.01.12 09:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 8-يانۋار تېلېگراممىسى. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 9-يانۋار 2014-يىلى 12-ئايلىق ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI)نى ئېلان قىلدى، «خەلق گېزىتى»نىڭ مالىيە-ئىقتىساد سەھىپىسى 20 نەچچە ئاپپاراتنىڭ مۆلچەر قىممىتىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، 2014-يىلى 12-ئايلىق CPI ئوتتۇرىچە مۆلچەر قىممىتىنىڭ ٪1.5 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. 12-ئاينىڭ CPI سىنى ٪1.5 قىلىپ ھېسابلىغاندا، 2014-يىلى پۈتۈن بىر يىللىق CPI ٪2 بولىدىكەن.

  ساھە ئىچىدىكى زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، 2015-يىلى پۇل پاخاللىقى ئەندىزىسى داۋاملىشىدىكەن، بۇنىڭغا 12-ئايلىق ياساش كەسپىنىڭ PMI كۆرسەتكۈچىنىڭ يەنىمۇ تۆۋەنلىگەنلىكىنى قوشقاندا، بۇ پۇل قىسلىقى كۆزلىمىسىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىكەن.

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى 12-ئايدا يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىدىن كۆكتاتنىڭ ھالقىما نىسبىتى ئاشقاندىن باشقا، باشقىلىرىنىڭ ھالقىما نىسبىتى تۆۋەنلىگەن، ياساشتىن باشقا كەسىپلەرنىڭ PMI كۆرسەتكۈچىدە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلىگەن.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر