باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنىڭ ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۇ باھاسى بېكىتىلدى

2015.01.09 09:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كەڭ كۆلەمدە دىققەت قىلىنىۋاتقان جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەلىك قۇرۇلۇشنىڭ سۇ باھاسى ئاخىرى بېكىتىلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيەسىنىڭ 1-باسقۇچلۇق ئاساسىي قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى سۇ بىلەن تەمىنلەش باھا سىياسىتىنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقتىپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەلىك قۇرۇلۇشىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچتىكى ئالتە بۆلككە تەننەرخ سۇ باھاسىنى يولغا قويۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە خېنەن، خېبېي ئۆلكىلىرىگە قەرز قايتۇرۇش سۇ باھاسى ۋاقىتىنچە يولغا قويۇلىدۇ، ئاندىن كېيىن باسقۇچقا بۆلۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.

  «ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىغا ئاساسەن، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاشنىڭ ئوتتۇرا لىنىيەلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال سۇ باھاسى ھەر كۇپ مېتىرنىڭ 13 پۇڭ، بولىدۇ، بۇ باجنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، غول لىنىيەلىك قۇرۇلۇشنىڭ خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نەنياڭ بۆلىكى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ خۇاڭخې دەرياسى جەنۇبى بۆلىكى، خېنەن ئۆلكىسى خۇاڭخې دەرياسى شىمالى بۆلىكى، خېبېي ئۆلكىسى، تيەنجىن، بېيجىڭ شەھەرلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال سۇ باھاسى ھەر كۇپ مېتىرىنىڭ 18 پۇڭ، 34 پۇڭ، 58 پۇڭ، 97 پۇڭ، 2 يۈەن 16 پۇڭ، 2 يۈەن 33 پۇڭ قىلىپ بېكىتىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر