باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرى قەرز ئۆسۈمىنىڭ تىجارەت بېجى ئۈچ يىل كەچۈرۈم قىلىنىدۇ

2015.01.09 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېزىلارنىڭ پۇل مۇئامىلە تەرەققىياتىنى داۋاملىق قوللاپ، دېھقانلارنىڭ قەرز ئېلىشى تەس بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى ئارقىلىق، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېزا پۇل مۇئامىلىسىنى قوللاشقا ئالاقىدار باج سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشنى قارار قىلدى. بۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  بۇلتۇر 1-يانۋاردىن 2016-يىلى 31-دېكابىرغىچە، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىگە بەرگەن ئاز سوممىلىق قەرزىدىن قىلغان ئۆسۈم كىرىمىنىڭ تىجارەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. بۇلتۇر 1-يانۋاردىن 2016-يىلى 31-دېكابىرغىچە، پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ دېھقان ئائىلىلىرىگە بەرگەن ئاز سوممىلىق قەرزىدىن قىلغان ئۆسۈم كىرىمىدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، %90 لىك كىرىم ئومۇمىي سوممىسى ئاساس قىلىنىدۇ. بۇلتۇر 1-يانۋاردىن 2016-يىلى 31-دېكابىرغىچە، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى تەمىنلىگەن سۇغۇرتا كەسپىدە ئېرىشكەن سۇغۇرتا كىرىمىدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، %90 لىك كىرىم ئومۇمىي سوممىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

  ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلغان ئاز سوممىلىق قەرز-ئۆز ئالدىغا قەرز ئالغان پۇل ياكى بۇ ئائىلىنىڭ قەرز قالدۇقىنىڭ ئومۇمىي سوممىسى يۈز مىڭ يۈەن ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان قەرزنى؛ سۇغۇرتا كىرىمى-ئەسلىدىكى سۇغۇرتا كىرىمىگە قوشۇلغان قوشۇمچە سۇغۇرتا كىرىمىدىن چىقىم قىلىنغان سۇغۇرتا ھەققىنى چقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى قالدۇقنى كۆرسىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر