باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شاڭخەيدىكى دەسسىلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ئۇقتۇردى

2015.01.09 09:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت 7-يانۋار پۈتۈن شەھەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىش خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، شاڭخەي ساھىلىدىكى دەسسلىش ۋەقەسىنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئۇقتۇردى ھەم مەركىزىي كومىتېت ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئىشخانىسىنىڭ «نۆۋەتتىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئادەم زىچ توپلاشقان سورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»نىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەرنىڭ بىخەتەرلىك خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى يەنىمۇ ئورۇنلاشتۇردى.

  ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەركەز رەھبەرلىرى يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، خۇاڭپۇ رايونى كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، داۋالاپ قۇتقۇزۇش ۋە ئائىلە تەۋەلىرىنى كۈتۈۋېلىش، تەسەللى بېرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلىدى. شەھەرلىك كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوماندانلىق قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە رايون، ناھىيەلەر بىلەن پائال ماسلاشتى. 7-يانۋار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 گىچە، شاڭخەي ساھىلىدىكى دەسسىلىش ۋەقەسىدە يارىلانغان 32 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقتى، يەنە 17 ئادەم داۋاملىق دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەمنىڭ يارىسى ئېغىر، بىر ئېغىر يارىدارنىڭ ئەھۋالى يەنىلا مۇقىم بولماي، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇلماقتا. دوختۇرخانا 4-، 5-يانۋار دوختۇرخانىدىن چىققان بەش يارىدارنى يوقلىدى، يارىدارلار تولۇق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر