باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە بۇ يىل يېڭىدىن 10 مىليون مو يەر تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇلىدۇ

2015.01.07 14:56         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 5 – يانۋار ئېچىلغان مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرلىرى، ئىدارە باشلىقلىرى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز 2015 – يىل يېڭىدىن 10 مىليون مو يەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ھەم ئېغىر دەرىجىدە قۇملىشىپ كەتكەن تېرىلغۇ يەرلەر ۋە مۇھىم سۇ مەنبەسى رايونلىرىدىكى يانتۇ يەرلەرنى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرىدىكەن.

  دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ جيەنلۇڭ يىغىندا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش ئورمانچىلىق ئارقىلىق ئېكولوگىيەنى ياخشىلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۇراقلىق ھالىتىگە مۇلازىمەت قىلىشنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. بۇ يىل ئىنشائات قۇرۇلۇش سۈپىتىنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  جاڭ جيەنلۇڭ مۇنداق دېدى: 2015 – يىل، ئورمانچىلىقتا نۇقتىلىق ئېكولوگىيە يېشىل سىزىقىنى كېڭەيتىش، ئېكولوگىيە قىزىل سىزىقىنى ساقلاش ئارقىلىق يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى تۇراقلىق ھالەتكە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىمىز. يېشىل سىزىقنى كېڭەيتىشتە، پۈتۈن يىلدا تىرىشىپ 95 مىليون مو ئورمان بەرپا قىلىپ، قۇرغاق ۋە يېرىم قۇرغاق رايونلاردا ئورمان بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، تەبىئىي ئورمانلارنى قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون قۇرۇش سالمىقىنى زورايتىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، 2014 – يىلى مەركەز ئورمانچىلىققا 151 مىليارد 700 مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 90 مىليون 410 مىڭ مو ئورمان بەرپا قىلغان، شۇنداقلا يېڭىدىن ئورمان باغچىسى، نەملىك يەر باغچىسى، قۇملۇق باغچىسى ۋە تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنى بەرپا قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر