باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادىل، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان شەھەر-يېزىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك

2014.12.30 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  −− مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مەخسۇس تېمىسىدىن خاتىرە

  كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى يۇقىرى قاتلام لايىھەسىنىڭ قىيىنلىقى قەيەردە؟

  گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي مۇنداق دېدى: يۇقىرى قاتلام لايىھەسىدە نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، نۇرغۇن مەسىلىلەر ئىنتايىن قىيىن مەسىلە، شۇنداقلا دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىلەر بولۇپ، بەزىلىرى ھازىر ھەل قىلىنىۋاتىدۇ. مەسىلەن شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى، ئورگان كەسپىي ئورۇنلىرى ۋە شەھەر-بازار ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى بىرلەشتۈرۈش مەسىلىسى، پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي ئارقىغا سوزۇش مەسىلىسى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى تاپشۇرۇش سەۋىيىسىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىش مەسىلىسى ۋاھاكازالار. كېيىنكى قەدەمدە خەلقتىن داۋاملىق پىكىر ئېلىپ، ئۆتكەلگە مەركەزلىك ئۆتۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ھەر تەرەپلەرنى بىر تۇتاش پىلانلىغان، ئەمەلىي، ھەقىقىي كارغا كېلىدىغان يۇقىرى قاتلام لايىھەسى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.

  نېمە ئۈچۈن كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش سۈرئىتى ئاستا بولىدۇ؟

  ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ باشلىقى يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاشنىڭ يۆنىلىشى ناھايىتى ئېنىق بولسىمۇ، لېكىن قىيىنچىلىق ئاز ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قىيىن بولغىنى مەركەز ۋە جايلارنىڭ ھوقۇق، مەسئۇلىيىتىگە چېتىلىدىغان، شۇنداقلا جايلار بىلەن جايلار ئارىسىدىكى مەنپەئەت مۇناسىۋىتى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتۇر. مەسىلەن، جايلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى، مالىيە ئەھۋالى، ئىستېمال سەۋىيىسىنىڭ پەرقى نىسبەتەن چوڭ، بىر پىچاق بىلەنلا كەسكىلى بولمايدۇ. جايلارنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندى قالدۇقىمۇ تەكشى ئەمەس، شەرقىي قىسىمدىكى رايونلارلا يېرىمدىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن قىسمەن ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمدىكى رايونلار يەنىلا مەركەزنىڭ يۆتكەپ تاپشۇرۇشىغا موھتاج. يەنە باشقا مەسىلىلەر بار، مەسىلەن ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، بېجىرىش مۇلازىمەت ئىقتىدارى، باشقۇرۇشتىكى پەرق قاتارلىقلار، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ھەر قايسى تەرەپ مەنپەئىتىنى ئويلىشىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش پىلانلاش لايىھەسىنى 2015-يىلى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تىرىشىمىز.

  ئاممىنىڭ كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىققا قايتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟

  دۆلەت سەھىيە، پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇدىرى لى بىن مۇنداق دېدى: كېلەر يىلىدىن باشلاپ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ تەييارلاش سەۋىيىسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈش، ھۆكۈمەتنىڭ شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ سۇغۇرتىغا قاتنىشىش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە شەخسنىڭ ھەق تاپشۇرۇش سەۋىيىسىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق سىياسەتنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئۆزى تۆلەش نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۇل تۆلەش ئۇسۇلى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش تېزلىتىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ قېلىپلاشقان داۋالاش مۇلازىمىتىدىكى نازارەت قىلىش رولى كۈچەيتىلىدۇ. شەھەر-يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ئېغىر كېسەل بولغاندىن كېيىن يۈكىنىڭ ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن ئەمەلىي ئاتچوت قىلىش نىسبىتىنى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئاتچوت قىلغاندىن كېيىن ئون پىرسەنت پوئىنتتىن 15 پىرسەنت پوئىنتىكىچە ئۆستۈرۈپ، شەخسنىڭ يۈكىنى ٪30 يېنىكلىتىپ، ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، ئېغىر كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىققا قايتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى، داۋالىنىش ياردىمى، سودا سۇغۇرتىسى، خەير-ساخاۋەت ياردىمى قاتارلىق كاپالەت تۈزۈملىرى ئۇدۇللاشتۇرۇلىدۇ، بولۇپمۇ نامراتلارغا قارىتا ئېچىپ بېرىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، پاناھلاندۇرۇش رولى جارى قىلدۇرۇلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر