باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش بېلىتى %30لىك ئېتىبار باھادا سېتىلىدۇ

2014.12.25 14:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر سىزنىڭ يېڭى يىللىق دەم ئېلىشتا شىنجاڭدىن چىقىپ ساياھەت قىلىش پىلانىڭىز بولسا، تېز پويىز بېلىتىگە دىققەت قىلىش بىلەن بىرگە ئايروپىلان بېلىتىگىمۇ دىققەت قىلىپ قويۇڭ.

  مۇخبىرنىڭ جەنۇب ئاۋىئاتسىيىسىنىڭ تارماق شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2014-يىلى 29-دېكابىردىن 2015-يىلى 5-يانۋارغىچە، جەنۇب ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىن چىقىش بېلىتى %30لىك ئېتىبار باھادىن باشلىنىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا بارىدىغان ئەڭ تۆۋەن بىلەت باھاسى 720 يۈەن ئىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن ـ شاڭخەيگە بارىدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھاسى 980 يۈەن بولۇپ، %35 ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭغا بارىدىغان ئەڭ تۆۋەن بىلەت باھاسى 1050 يۈەن بولۇپ، %40 ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن؛ ئۈرۈمچىدىن ـ چاڭشا، چۇڭچىڭ، شېنجىن، ۋۇخەن، شىيامېن، فۇجۇ قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرى %50 ئېتىبار باھادىن باشلىنىدىكەن؛ مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۈرۈمچىدىن چېڭدۇ، كۇنمىڭ، سەنيا قاتارلىق جايلارغا بارىدىغان ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرى بىر قەدەر بازارلىق بولۇپ، %60لىك ئېتىبار باھادا سېتىلىدىكەن (يۇقىرىدىكى باھا پەقەت ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسىنىلا كۆرسىتىدۇ)ئېتىبار باھالىق بېلەتلەرنىڭ سانى چەكلىك، شۇڭا ئەگەر سېتىۋالماقچى بولسىڭىز دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر