باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى

2014.12.25 11:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  23-دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتنىڭ 2012-يىلىدىن 2015-يىلىغىچە بولغان كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانىنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك باھالاش ، خۇلاسە يىغىنىدا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى سەي مىڭجاۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى يىلدىن كۆپرەك خىزمەت قىلىش ئارقىلىق، بۇ مەزگىلدىكى ھەرىكەت پىلانىنىڭ تۈرلۈك نىشان ۋەزىپىلىرى بىر قەدەر ياخشى ئەمەلىيلەشتى. كۆپ قىسىم مىقدارلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچىنىڭ يېرىمى ھەتتا ئۇنىڭدىن كۆپرەكى ئورۇندالدى.

  ئىككى يىلدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى داۋاملىق يۇقىرىلىدى. خەلقنىڭ قانۇن بويىچە بەھرىلىنىدىغان دېموكراتىك ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى تېخىمۇ كېڭەيدى. كىشىلىك ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كاپالەت سەۋىيىسى يەنىمۇ ئۆستى، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى تېخىمۇ ياخشى قوغدالدى، ئاياللار ، بالىلار ، ياشانغانلار، مېيىپلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەت سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، كىشىلىك ھوقۇق تەربىيىسى ۋە تەتقىقاتىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، كىشىلىك ھوقۇق خەلقئارا ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدا ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەرىكەت پىلانى كەلگۈسى بىر مەزگىللىك كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىنىڭ ھەرىكەت نىشانى ۋە ئاساسلىق ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك سىستېمىلىق تۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ چىقىرىلىدىغان قانۇن ، قانۇن بەلگىلىمە، سىياسەت ۋە مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچ ، ماھىيەتلىك تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەمدە ئىقتىساد، سىياسىي، جەمئىيەت، مەدەنىيەت قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەرنى قاپلايدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تور بېكىتى ئېلان قىلغان ماتېرىيالغا ئاساسلانغاندا، ھازىرغىچە 34 دۆلەت بۇ خىل پىلاننى تۈزگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر