شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، تيەنجىن شەھىرى نەنكەي رايونى بەيدى يولىغا جايلاشقان ‹‹ كېنتاككى ›› تېز تاماقخانىسىدا 17-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . دېلو مەلۇم قىلىش سىگنالىنى تاپشۇرۇۋالغان ساقچىلار دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ ، جىددى ھالەت يۈرگۈزۈپ ، تاماقخانىدىكى خېرىدار ۋە خىزمەتچىلەرنى تارقاقلاشتۇرغان ، ئارقىدىن ، سۆھبەتلەشكۈچى مۇتەخەسسىس ۋە ئالاھىدە ساقچىلار دۇكانغا كىرىپ ، تۇتقۇن قىلغۇچىنى بويسۇندۇرۇپ ، تۇتقۇن قىلىنغۇچىنى ئوڭۇشلۇق ھالدا قۇتقۇزۇۋالغان .