باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 24-سانىدا قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش نازارەتچىلىك سېستىمىسىنى ئورنىتىش توغرىسىدا ماقالە ئېلان قىلىندى

2014.12.18 10:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتى گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىش ساۋ جيەنمىن «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىرىنىڭ 24- سانىدا ماقالا ئېلان قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نازارەتچى نازارەتچىلىكنى تېخىمۇ قۇبۇل قىلىشى كېرەك. دۆلەت قانۇنىنىڭ بىرلىكى، ئىززەت ھۆرمىتى، نوپۇزىنى قوغداش، ئاساسىي قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويىلىشىغا ھەقىقي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ ھەر قانداق بانا بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە سۆزى بىلەن قانۇنغا ۋەكىللىك قىلىشىغا، ھوقۇقى بىلەن قانۇننى باستۇرۇشىغا، شەخسى غەرىزى بىلەن قانۇننى بۇزىشىغا ھەرگىز يول قويۇلمايدۇ. تەپتىش ئورگانلىرى دۆلەتنىڭ قانۇننى نازارەت قىلىش ئورگىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆز ئۆزىنى نازارەت قىلىشنى قانۇننى نازارەت قىلىش بىلەن ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ چىڭ تۇتىشى كېرەك. ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىگە قارىتا قانۇنى نازارەتچىلىكنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ھەر بىر دېلودىن ئادىل ۋە ھەققانىيلىقنى ھىس قىلدۇرۇش كېرەك. ئەدلىيە ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش قانۇن تەپتىش ئورگانلىرىغا بەرگەن مەخسۇس مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك تەپتىش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى ۋە رۇشەن ئالاھىدىلىكى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر