ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونى خۆلۆنبۇير شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ئىزچىل ℃35-تىن تۆۋەن بولدى ، بۇنىڭ ئىچىدە تۇرى دەريا ۋادىسىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃40- قا چۈشتى .
تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تۆۋەنلىشى سەۋەبلىك كۆپ قىسىم جايلاردا قىراۋ تۇتۇپ گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى ، بولۇپمۇ تاشيول ياقىسىدىكى دەرەخلەرگە قونغان قىراۋلار قۇياش نۇرىدا ئۈنچىدەك پارقىراپ ، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدىكى دالا مەنزىرىسىگە باشقىچە تۈس قوشتى .