باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى توغرىسىدا جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىنىۋاتىدۇ

توردا سۇغۇرتىلاشتا ئادەم «كولدۇرلىتىش» قا بولمايدۇ (سىياسەت يەشمىسى)

2014.12.12 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى. سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا: 2011-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدىكى ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەت 28 دىن 60 قا يەتكەن، يىللىق ئېشىش نىسبىتى %46 بولغان؛ كۆلەملەشكەن سۇغۇرتا ھەققى 3 مىليارد 200 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 29 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئۈچ يىلدا يىللىق ئېشىش نىسبىتى %202 بولدى؛ سۇغۇرتىلانغۇچىلار 8 مىليون 160 مىڭدىن كۆپىيىپ 54 مىليون 370 مىڭ كىشىگە يەتكەن، ئېشىش نىسبىتى %566 بولغان.

  ئالاقە تورى كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساختا تور، يالغان سۇغۇرتا، يالغان تەشۋىقات، تۆلەم مۇلازىمىتى ئەمەلىيلەشمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ پەيدا بولدى. جۇڭگو سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، «ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىش ۋاقىتلىق چارىسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» نى تۈزۈپ چىقتى ھەم 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ جەمئىيەتتىن پىكىر ئېلىۋاتىدۇ. «چارە» دە ئىگىلىك باشقۇرۇش پىرىنسىپى، تىجارەت دائىرسى، ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش، ئىگىلىك باشقۇرۇش قائىدىسى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تەرەپتىن ئالاقە تورى سۇغۇرتا كەسپىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى.

  بۇ قېتىم «چارە» دە 3-تەرەپ تور سۇپىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلدى. بىرىنچىسى، سۇغۇرتىنى تەكشۈرۈش، تۆلەم، سۇغۇرتىنى قايتۇرۇش، ئەرز قىلىش، خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا سۇغۇرتا ئاپپاراتى بىۋاسىتە مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى، 3-تەرەپ تور سۇپىسىنىڭ مەشغۇلات قىلىشى ۋە باشقۇرۇشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلىشى كېرەك. ئىككىنچىسى، 3-تەرەپ تور سۇپىسىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ مۇناسىپ سۇغۇرتا كەسپى تىجارىتى سالاھىيىتىنى ھازىرلىشىنى تەلەپ قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىسى، سۇغۇرتا ئاپپاراتى بىلەن 3-تەرەپ تور سۇپىسى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىش كېرەك. 3-تەرەپنىڭ سەۋەبىدىن سۇغۇرتا ئىستىمالچىلىرى ياكى سۇغۇرتا ئاپپاراتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، تۆلەم جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

  بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەۋپ-خەتەر باشقۇرۇش ۋە سۇغۇرتا كەسپى فاكولتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ ۋېي: «ئىلگىرى بۇنداق ۋاسىتىدە تۆلەم ماجىراسى پەيدا بولسا، سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن 3-تەرەپ تور سۇپىسى بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ، ئىستىمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىشىدا نۇرغۇن ئاۋارىچىلىق كېلىپ چىققانىدى. بۇ قېتىم <چارە> دە سۇغۇرتا باشقۇرۇشىدا مەسئۇلىيەت سوبيېكتىنى بېكىتىش كۈچەيتىلدى، بۇ سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن 3-تەرەپ تور سۇپىسىنى باشقۇرغۇچىلارغا بېسىم بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەرتىپنى ياخشىلىشى، يۇچۇقلارنى ئېتىشى، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتىرىشىگە تۈرتكە بولدى»، دېدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر