باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ‹‹يېڭى ئۇزۇن سەپىرى››

2014.12.11 16:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆتكەنكى ئىككى يىل ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› پارتىيە ئىستىلى، ھۆكۈمەت ئىستىلىنى چوڭقۇر ياخشىلىغان ئىككى يىل بولدى. 78 يىل ئىلگىرى كومپارتىيە ئەزالىرى ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 25 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنى تاماملاپ، قەدەم ئىزلىرى ۋە دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىققا ئېرىشكەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››دە چىڭ تۇرۇش دەل يېڭى دەۋردىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى ‹‹يېڭى ئۇزۇن سەپىرى›› بولۇپ، يەنىلا پۇختا قەدەم تاشلاپ مېڭىشتەك قەتئىيلىك بىلەن بۇ سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇنىڭغا كېتىدىغان ۋاقىت تېخىمۇ ئۇزاق بولۇشى مۇمكىن.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئىككى يىل كەسكىن ئىجرا قىلىش ئارقىلىق، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› پارتىيە ئىستىلى ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ئۆزگەرتىش كارتىنىسىغا ئايلاندى، شۇنداقلا پۈتكۈل جەمئىيەت قائىدىسىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. ھالبۇكى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››نىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى يەنىلا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارغا باغلىق بولۇپ، ئىستىل جەھەتتە مۇھىم كاپالەت بىلەن تەمىن ئەتتى.

  ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئىسلاھ قىلىپ، يامان ئادەتلەرنى تۈگىتىشتە، ئەڭ مۇھىمى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ يېڭىچە نورمال ھالەتكە كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇڭا ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ھەرگىز چالا تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يۇقىرى ئۆلچەم ئەمەس، ئاخىرقى نىشانمۇ ئەمەس، بەلكى ئىستىلنى ياخشىلاش ئۈچۈن باسقان تۇنجى قەدىمىمىز، كومپارتىيە ئەزالىرى ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي شەرت. شۇڭا، ئۇنى ئۇزاققىچە داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ‹‹يېڭى ئۇزۇن سەپىرى››دە ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ئاخىرىدا جۇڭگونى جەزمەن تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزگەرتەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر