باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاچقۇچلۇق سۆز: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھارام ماللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ

2014.12.11 16:51         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ئىرادىسى قەتئىي، دۇنيادا چىرىكلەشكەنلەرگە يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن قويمايدۇ. ‹‹چىرىكلەشكەنلەر مەيلى قانچىلىك يىراق يەرگە قانچىلىك ئۇزاق يوشۇرۇنۇۋېلىشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇلارنى چوقۇم تۇتۇپ كېلىپ، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ››.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي 8 – دېكابىر ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش قەرەللىك يىغىنىدا: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قاچقۇن جىنايەتچىلەرنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھارام ماللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ئىرادىسى قەتئىي، دۇنيادا چىرىكلەشكەنلەرگە يوشۇرۇنىدىغان ئورۇن قويمايدۇ، دېدى.

  مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: خەۋەردە 5 – دېكابىر جۇڭگو ئامېرىكىنى ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن ئىقتىسادىي جىنايەتچىلەرنىڭ ئىسىملىكى بىلەن تەمىنلىگەن، ئىككى دۆلەت كونكرېت ئادەم سانىنى بېكىتكەن ھەم بۇ دېلولارنى بىر بىرلەپ ھەل قىلىشقا قوشۇلغان، دېيىلىپتۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ بېرەمسىز؟

  خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 3 – دېكابىردىن 5 – دېكابىرغىچە بېيجىڭدا جۇڭگو – ئامېرىكا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى بىرلەشمە ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ 12 – قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى، ئامېرىكا گوۋۇيۈەنىنىڭ ياردەمچى دۆلەت كاتىپى بروۋنفېلد بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ بىر مۇھىم قارالمىسى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، قاچقۇنلارنى تۇتۇش ۋە ئۇلارنىڭ ھارام ماللىرىنى قايتۇرۇۋېلىش بولدى، ئىككى تەرەپ بۇ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر