باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› نىڭ جۇڭگونى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز

2014.12.11 16:50         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ تېلېگراممىسى. 18 – قۇرۇلتاي 2012 – يىلىنىڭ ئاخىرى ئېچىلغاندىن بۇيان، پارتىيەنى، رەھبىرىي كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، سىجىل يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاشتىن ئىبارەت ‹‹يولۋاسقىمۇ، چىۋىنگىمۇ زەربە بېرىش›› ھەرىكىتى جۇڭگونىڭ رەھبىرىي كادىرلىرى ئارىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. ئۆتكەن ئىككى يىلدا، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ناچار ئىستىلىغا قارىتىلغان ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ھەممە كىشى بىلىدىغان ئېقىم مەسىلىسى ئاتالغۇسى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ھەيۋە – سۈرى بىلەن رەھبىرىي كادىرلار ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتەلمەيدىغان بولدى، خەلق بۇنى ئالقىشلىدى.

  ئېسىمىزدە قېلىشىچە، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يېڭى ئېلان قىلىنغاندا، نۇرغۇن كىشى بۇ پەقەت ‹‹بىر ئۆتكۈنچى شامال›› دەپ قارىغانىدى. لېكىن ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› رەھبىرىي كادىرلارغا نىسبەتەن ‹‹چەمبىرەك ئەپسۇنى››بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ياخشى تۈزۈم بولۇپ قالدى. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››دىكى تەلەپلەر بويىچە سۆز – ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا ‹‹يېڭى نورمال ئەھۋال››غا ئايلاندى.

  ئۆتكەن ئىككى يىلدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ قالاق ئادەتلىرى ئۆزگەردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئۆلۈك شەكىلدىكى ‹‹يىغىن، ھۆججەت كۆپ بولۇش››، ئىسراپچىلىق قىلىپ زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىش، رەھبىرىي كادىرلار خىزمەت تەكشۈرگىلى كەلگەندە يوللارنى قامال قىلىۋېلىش، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەندىزىلەشتۈرۈپ خەۋەر قىلىش قاتارلىق ناچار ئىستىللار رەھبىرىي كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يىراقلاشتۇرۇۋەتكەنىدى. ئامما بۇنىڭدىن نارازى ئىدى، بەزى ئەمەلىيەتچىل رەھبىرىي كادىرلارمۇ بۇ شەكىلۋازلىق بىلەن چەكلىنىپ قالغانىدى. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە››يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىكى ناچار ئىستىللار تۈگىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ خىزمەت ئىستىلىمۇ يېڭىلاندى، رەھبىرىي كادىرلار ئازاد قىلىندى ھەم ئاممىنىڭ يۈكى يەڭگىللىتىلدى.

  ئۆتكەن ئىككى يىلدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت مۇھىتىنى ئۆزگەرتتى. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، خىيانەتچىلەرنى تازىلاشنىڭ ئورتاق نىشانى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشتىن ئىبارەت. بۇرۇن بەزى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ناچار خىزمەت ئىستىلى ئۇزاققىچە تۈزىتىلمەي، ئەمەلدارلار سورۇنى مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ قېلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ خىزمەت ئىستىلى مەلۇم دەرىجىدە بۇزۇلغانىدى. ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئاپتوموبىل سەپلەش، ئىشخانىلارنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ بېزەش، چوڭ يەپ – چوڭ ئىچىش، ئومۇمنىڭ پۇلى بىلەن ئالىي دەرىجىلىك كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بېرىش قاتارلىق ناچار ئەھۋاللارنى ئومۇميۈزلۈك تازىلاش ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلە تۈزىتىلدى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمۇ نورمال ھالەتكە چۈشتى.

  ئۆتكەن ئىككى يىلدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› رەھبىرىي كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتىنى ياخشىلىدى. ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› خۇددى ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالىغا ئوخشاش رەھبىرىي كادىرلارنى ھەر ۋاقىت ياخشى باشلامچى بولۇشقا ئاگاھلاندۇرۇپ تۇردى. بولۇپمۇ ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان 2014 – يىلىدا ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› يەنىمۇ چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، تەدرىجىي ھالدا چېقىلغىلى بولمايدىغان ‹‹قاتتىق سەككىز بەلگىلىمە›› بولۇپ قالدى. نۇرغۇن ‹‹ھوقۇق پاراۋانلىقى›› ‹‹مۇسادىرە›› قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن رەھبىرىي كادىر كۆنەلمەيۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى يىل ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى خېلى نورماللاشتى. بۇرۇنقى ‹‹تەكەببۇر تۆرەملەر››ھازىر ‹‹خەلقنىڭ چاكىرى›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندى.

  ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مەركەزنىڭ پوزىتسىيەسى قەتئىي، تەدبىرى كۈچلۈك بولۇپ، بىرىنچى قول رەھبەرلەر ئۈلگە بولسىلا، جەمئىيەتنىڭ نازارەت قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىلسىلا، رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدىكى ناچار ئىستىللارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ. ئۆتكەن ئىككى يىلدىكى بولغان ئاكتىپ ئۆزگىرىشلەر كىشىنى شادلاندۇردى، شۇنداقلا كىشىلەردە تېخىمۇ كۆپ ئۈمىدلەر پەيدا بولدى. ‹‹قىزىل سىزىق›› بارغانسېرى ئېنىق، ‹‹چەكلەنگەن رايون›› بارغانسېرى روشەن بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، كىشىلەر خىزمەتلەرنى داۋاملىق ئىنچىكە ئىشلەپ، يوچۇقلارنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېتىپ، ھەر قايسى ساھەدىكى ناچار ئىستىللارنى قاتتىق توسۇپ، ھوقۇقنى چەكلەپ تۇرىدىغان تۈزۈملەرنىڭ بارغانسېرى چىڭ بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

  دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا ئالدى بىلەن پارتىيەنى جەزمەن قاتتىق باشقۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە بولىدۇكى، ھەرگىز ‹‹تۇتۇپ قويۇش، قويۇپ بېرىش، يەنە قالايمىقانلىشىش، يەنە تۇتۇش›› تەك يامان سۈپەتلىك ئايلىنىش يولىغا باشلىماسلىق كېرەك. شۇڭا، بىز نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، ئىستىل مەسىلىسىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە جاھىللىقىنى تولۇق تونۇپ، مەسىلىلەرنى يېتەكچى قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى يېڭى تەدبىرلەر ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىشىمىز ھەم ئۈنۈمى روشەن بولغان بەزى ئۇسۇللارنى تۈزۈم قىلىپ بېكىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرگەندىلا، بەزى ناچار ئىستىللارنىڭ قايتا پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، ‹‹سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە›› ئارقىلىق جۇڭگونى ئۇزاققىچە ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر