باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

زور چىرىكلىشىش مەسىلىسى كۆرۈلسە، ‹‹مەسئۇلىيەتنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش›› يولغا قويۇلىدۇ

2014.12.10 15:05         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇجۇ شەھىرى پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى

  جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرى يېقىندا ‹‹ج ك پ سۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش ۋە سۈرۈشتۈرۈش چارىسى (ۋاقىتلىق يولغا قويۇش چارىسى)››نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتكومنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىش ۋە مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتتى. بۇ، سۇجۇ شەھىرى يولغا قويغان چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ماھىيەتتىن تۈزەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا دائىر مۇھىم يانداش ھۆججەت، شۇنداقلا چىرىكلىككە تۈزۈم قاتلىمىدىن قارشى تۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىرى.

  ‹‹چارە››دە، رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ بىرىنچى قول رەھبەرنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە پارتكومنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئەھۋالى نازارەت قىلىش ۋە تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىندى. بۇ تەشكىلىي رەھبەرلىك، ئادەم تاللاپ ئىشلىتىش، ئىستىل قۇرۇلۇشى، ھوقۇقنى چەكلەش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش ۋە باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئالتە مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىدىكى رەھبەرلىك قىلغۇچىلىق، ئىجرا قىلغۇچىلىق ۋە ئىلگىرى سۈرگۈچىلىك ئورنى ۋە مەسئۇلىيىتى كۈچەيتىلدى.

  نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈش جەھەتتە، ‹‹چارە››دە مۇنداق بەلگىلەندى: نازارەت قىلىش – تەكشۈرۈشنىڭ ئاساسىي ئۇسۇلىدا مەركەزلىك تەكشۈرۈش، دائىملىق نازارەت قىلىش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، مەسىلىلەرنى تۈزەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، مەخسۇس تەكشۈرۈشتە مەسىلىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش تەكىتلىنىدۇ.

  مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە، ‹‹چارە››دە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى سۇبيېكتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچىمەي، مەسئۇل باشقۇرغۇچى ئاپپاراتنىڭ ئىچكى قىسمىدا ناتوغرا ئىستىل يامراپ كەتسە ياكى زور چىرىكلىك مەسىلىسى كېلىپ چىقسا، ‹‹بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش›› ۋە ‹‹مەسئۇلىيەتنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈش›› مېخانىزمى يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر