- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


چىڭخەي ئۆلكىسىدە يېرىمدىن كۆپرەك ئاھالە شەھەر–بازاردا ئولتۇراقلاشتى
2014.12.10 15:04 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
مۇخبىرنىڭ چىڭخەي ئۆلكىلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئېلىمىزدىكى بەش چوڭ چارۋىچىلىق رايونىنىڭ بىرى بولغان چىڭخەي ئۆلكىسىدە ھازىر شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ نوپۇسى 2 مىليون 803 مىڭغا يېتىپ، ئۆلكە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %48.5نى ئىگىلەپ، 1978 – يىلىدىكىدىن 29.9 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن.
چىڭخەي ئۆلكىسى شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، ئوتلاق كۆلىمى ئۆلكە يەر ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %96نى ئىگىلەيدۇ. چارۋىچىلار ئۇزاقتىن بۇيان سۇ ۋە ئوتلاق قوغلىشىپ ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن.
ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2000 – يىلى غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيىسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، چىڭخەي ئۆلكىسىدىكى نوپۇسنىڭ شەھەر – بازارلىشىش نىسبىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن يىلىغا 1.1 پىرسەنت پوئېنت سۈرئەت ئۆرلىگەن، ھازىر شىنىڭ، خەيدۇڭدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ۋە دېلىڭخا، گولموت، يۈشۇدىن ئىبارەت ئۈچ ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بار.
چارۋىچىلىق رايونىنىڭ يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، چىڭخەي ئۆلكىسى 2009 – يىلىدىن باشلاپ كۆچمەن چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چارۋىچىلىق رايونىدىكى 500 مىڭدىن كۆپرەك چارۋىچىنىڭ شەھەر – بازاردا ئولتۇراقلىشىشىغا ياردەم بەردى. يىرىك پىلانغا ئاساسەن، چىڭخەي ئۆلكىسى 2020 – يىلىدىن بۇرۇن ئاز بولغاندىمۇ 4 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىپ، دەسلەپكى قەدەمدە 80 شەھەر – بازارنى قۇرىدۇ، بۇ شەھەر – بازارلارنىڭ تۇرمۇش ئەخلەتلىرى، يۇندىلارنى زىيانسىزلاندۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىش نىسبىتىنى %85 تىن، يوللارنى قاتتىقلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %90 تىن ئاشۇرىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر