باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز نامرات رايونلاردا بوۋاقلارنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش تۈرىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ

2014.12.10 15:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 1 – دېكابىر دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىز نامرات رايونلاردا بوۋاقلارنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈش ۋە بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش تۈرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، بوۋاقلارنىڭ ئىرسىيەتلىك ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش كېسىلى، ئاڭلاش ئىقتىدارى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق ۋە ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىكەن.

  نامرات رايونلاردىكى بوۋاقلارنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈش تۈرى 2012 – يىلى يولغا قويۇلۇپ، شۇ يىلى 300 مىڭ بوۋاق نەپكە ئېرىشكەن. 2014 – يىلى بۇ تۈردە 364 نامرات ناھىيەدىكى يېزا نوپۇسىدىكى 1 مىليون 325 مىڭ بوۋاقنىڭ ئىرسىيەتلىك ماددا ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش كېسىلى، فېنىل كېتون سىيىش كېسىلى، تۇغما قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى تۆۋەنلەش كېسىلى ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى تەكشۈرۈلگەن. بۇ تۈردە يەنە فېنىل كېتون سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ۋە ئاڭلاش ئىقتىدارى مەڭگۈلۈك توسالغۇغا ئۇچرىغان بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىلىدىكەن. مەركەز مالىيەسى بوۋاقلارنىڭ كېسىلىنى تەكشۈرۈشنى مەخسۇس ياردەم مەبلىغى بىلەن تەمىنلەپ، ھەر بىر بوۋاققا 120 يۈەن ياردەم پۇل بېرىدىكەن.

  نامرات رايونلاردىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش تۈرى 2010 – يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلۇپ، ئون ئۆلكىدىكى 100 ناھىيە تاللاپ نۇقتىدا سىناق قىلىنغان. بۇ تۈردە ئالتە ئايلىقتىن ئىككى ياشقىچە بولغان بوۋاقلار كۈندە تەركىبىدە ئاقسىل، ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددا بولغان بىر ئورۇ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىلار ئوزۇقلۇقى بىلىملىرى توغرىسىدىكى تەشۋىقات ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغان.

  ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، ئېلىمىزدىكى بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق مەسىلىسىدە شەھەر – يېزا ۋە رايونلارنىڭ پەرقى روشەن ئىكەن، نامرات يېزىلاردىكى بالىلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى يەڭگىل بولۇش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولۇش نىسبىتى شەھەردىكى بالىلارنىڭ ئۈچ – تۆت ھەسسىسىگە، ئادەتتىكى يېزىلارنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، 2010 – يىلى نامرات رايونلاردىكى بەش ياشتىن كىچىك %20 بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاستا بولغان؛ ئالتە ئايلىقتىن 12 ئايلىققىچە بولغان بوۋاقلارنىڭ قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %28.2 كە، 13 ئايلىقتىن 24 ئايلىققىچە بولغان بالىلارنىڭ قان ئازلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %20.5 كە يەتكەن.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر