باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاڭ دېجياڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىي سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى

2014.12.09 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ 8-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىي سۈي شىئەن بىلەن كۆرۈشتى جاڭ دېجياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن 15 يىلدىن بۇيان، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلدى، ۋەتەننى، ئاۋمېننى سۆيۈشتىن ئىبارەت ئاساسى ئېقىم قىممەت قارشى كىشىلەر قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇن ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلدى، بۇ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكى ۋە ئىچكىرى جايلارنىڭ كۈچەپ قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، شۇنداقلا بارلىق ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.

  جاڭ دېجياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي ھۆكۈمەت پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن چۈشىدىغان ئاساسلىق ئەمەلدارلارنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋمېن دۇچ كەلگەن يېڭى خىرىسنى تولۇق تونۇپ، بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم فاڭجېننى ۋە نېگىزلىك قانۇننى داۋاملىق ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  كۆرۈشۈشتىن كېيىن جاڭ دېجياڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 15 يىللىق مۇۋەپپەقىيەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە كۆرگەزمىنى كۆردى، لى يۈەنچاۋ ، ياڭ جېچى، خې خۇخۇا قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر