باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىدىكى چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىدىن ئىبارەت يېڭى سىياسىتى زور قىزغىنلىق قوزغىدى

2014.12.08 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۆلكە دەرىجىلىك بىر تۇتاش غەملەش قوش كاپالەتنى پۇختىلىدى (سىياسەت يەشمىسى . قىزىق نۇقتا)

  گېزىتىمىز مۇخبىرى جۇ پېيشيەن

  گو خانىم جياۋزو شەھىرى ۋېن ناھىيەسىنىڭ شۈباۋ بازىرى سۇۋاڭ كەنتىنىڭ ئاھالىسى، بۇلتۇر مېڭە ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلانغان. ئۇ: «يېرىم يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ناھىيەلىك دوختۇرخانىدىن ئۆلكىلىك دوختۇرخانىغا يۆتكۈلۈش داۋامىدا، سەككىز قېتىم بالىنىستتا ياتتىم. ئەگەر يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكالىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمىدىكى چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى بولمىغان بولسا، كېسىلىمنى داۋالىتىش مۇمكىن ئەمەستى» دېدى ماڭا. ئۇ خېنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى تۆلەم راسچوت كۆزنىكىدىن يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى تۆلەم پۇلىنى قولىغا ئالغانىدى.

  10-ئاينىڭ 1-كۈنى، غۇلغۇلا قىلىنغىنىغا بىر يىلچە بولۇپ قالغان «خېنەن ئۆلكىسىنىڭ يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنى يولغا قويۇش لايىھەسى» ئاخىرى رەسمىي يولغا قويۇلدى. ئىككى ئايدىن بۇيان، بۇ سىياسەتتە قانداق يارقىن نۇقتىلار بارلىققا كەلدى؟ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش ئەھۋالى قانداق بولدى؟ مەن خېنەن ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم.

  چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسىنىڭ باشلانما چىقىم نۇقتىسى 15 مىڭ يۈەن بولۇپ، يىل ئىچىدىكى چەكلىمە نۇقتىسى 300 مىڭ يۈەنكەن.

  مەن گو خانىمنىڭ راسچوت تالونىدا مۇنۇلارنى كۆردۈم: «جەمئىي داۋالىنىش ھەققى 207310.01 يۈەن»، «يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى تۆلەم ھەققى 102264.69 يۈەن»، «چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى بىرلەشمە ئۆز چىقىم داۋالىنىش ھەققى 55572.87 يۈەن»، «تۆلەم ھەققى 20565.08 يۈەن»، «تۆلەم ئەستكەرمىسى» دېگەن كاتەكچىگە «(50000-15000) X %50 + (55572.87 – 50000) X %55، دەپ يېزىلىپتۇ.

  خېنەن ئۆلكىلىك خەلق دوختۇرخانىسى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى نى يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمىدىكى چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى يېزىلارنىڭ يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش تۈزۈمى ئاساسىي داۋالىنىش كاپالىتى ئاساسىدا، بۇنىڭغا قاتناشقان چوڭ كېسەل بىمارلىرىنىڭ كۆپ سوممۇلۇق داۋالىنىش ھەققىگە 2-قېتىم تۆلەم بېرىشتىن ئىبارەت».

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر