باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە 500 نامرات كەنت كېلەر يىلى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ

2014.12.08 09:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5- ۋە 6-دېكابىر مەملىكەتلىك نامرات كەنتلەرنىڭ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىناق خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى خۇبېي ئۆلكىسى ئىنشى ئوبلاستىدا ئېچىلدى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يوڭفۇ تۈنۈگۈن يىغىندا ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز كېلەر يىلى 500 چە نامرات كەنتنى تاللاپ ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىنىقى ئېلىپ بارىدۇ.

  ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئېلىمىز بېكىتكەن يېڭى دەۋردە نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئون تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنىڭ بىرى، ليۇ يوڭفۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق 7 تارماق، مىنىستىرلىق« يېزا كەنتلەردە ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىپ، ساياھەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، 2015-يىلى تەخمىنەن 2 مىڭ نامرات كەنتتە يېزا كەنت ساياھەتچىلىكى ئېلىپ بېرىپ، 2020-يىلىغا بارغاندا 6 مىڭدىن ئارتۇق نامرات كەنتتە يېزا كەنت ساياھىتى ئېلىپ بېرىشنى ئېنىق بېكىتتى. ليۇ يوڭفۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك نامراتلارنى يۆلەش كۈنى پائالىيىتى مەزگىلىدە گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى بىلەن دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بىرلىكتە نامرات كەنتلەردە ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى، تەخمىنەن 500 نامرات كەنتتە ئارخىپ تۇرغۇزۇپ 2015-يىلى ساياھەتچىلىك ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى كېڭىشىپ بېكىتتى.

  ئىگىلىنىشىچە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن جاي ئېنشى ئوبلاستى مەملىكەت بويىچە 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نۇقتىلىق نامراتلارنى يۆلەش رايونلىرىنىڭ بىرى ئىكەن، نۆۋەتتە پۈتۈن ئوبلاستتا بىر ئا دەرىجىلىك مەنزىرىلىك رايوندىن 31 ئى بولۇپ، 110 نۇقتىلىق نامرات كەنتتىكى 160 مىڭ نامرات ئاھالىنى قاپلايدىكەن، بۇ 400 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر