باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى تۇنجى قېتىم ۋېدىئو شەكلىدە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار ئارخىبنى ئېلان قىلدى

2014.12.08 09:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلارغا دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا. مۇخبىرنىڭ 5-دېكابىر دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىدىن ئۇقىشىچە، دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسى 7-دېكابىردىن 13-دېكابىرغىچە ھۆكۈمەت تور بېكىتىدە يەتتە قىسىملىق «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ئارخىپ تاللانمىسى» ناملىك تور ۋېدىئوسىنى ئېلان قىلدى، كۈنىگە بىر قىسىمدىن ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ۋېدىئو شەكىلدە نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار ئارخىپنى ئېلان قىلىشى.

  دۆلەتلىك ئارخىپ ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى مىڭخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋېدىئوغا ھازىر ساقلىنىۋاتقان نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار ئارخىپلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتىرىگە ئىگە ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى كىرگۈزۈلگەن. لى مىڭخۇا مۇنداق دېدى: بارلىق ئارخىپ مۇكەممەل ئىسپات زەنجىرىنى شەكىللەندۈردى، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى پولاتتەك ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى،ئۇنى ھەرگىز ئىنكار قىلىغىلى بولمايدۇ، «نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى ئارخىپ تاللانمىسى»نى تۈزۈش ۋە ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت- نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغان قېرىنداشلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، ياپون ئارمىيەسىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى، ئىنسانپەرۋەرلىككە قارشى قەبىھ جىنايىتىنى ئاشكارىلاش، ياپونىيە ئوڭ قانات كۈچلىرىنىڭ نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىش نومۇسسىز گەپ سۆزلىرىگە زەربە بېرىش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر