باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ سىياسىي بيۇروسى يىغىن ئېچىپ 2015-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى

2014.12.08 09:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى 5-دېكابىر يىغىن ئېچىپ، 2015-يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى تەھلىل قىلدى ۋە تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئۆتكەن يىلى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى تەدبىر ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى پۇختا ئىگىلەپ،ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى؛ماكرو ئىقتىسادنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلىدى؛ ماكرو جەھەتتىن تەڭشەپ كونترول قىلىش تەپەككۇرى، ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى؛قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئالدىن تەڭشىدى ۋە مىكرو تەڭشىدى؛ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىدى؛ ئىقتىساد جەمئىيەتنى سىجىل مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى؛ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ياخشى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېلىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى ھالىتىگە كىردى؛ ئىقتىسادنىڭ ئېلاستىكلىقى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى يېتەرلىك، ھەرىكەتلىنىش بوشلۇقى چوڭ بولۇپ، كېلەر يىلى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىقتىسادنىڭ سىجىل سايلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھالىتىدە كۆرۈلگەن قىسمەن ئېغىش خاراكتېرلىق ئۆزگىرىش ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۆپلىگەن قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا يولۇقتۇردى، بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2015-يىلى 12-بەش يىللىق پىلان تاماملىنىدىغان يىل، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدىغان يىل، شۇنداقلا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ باشلىنىش يىلى، شۇڭا ئىقتىسادىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئەھمىيىتى زور. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4- ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي ئاساسىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھالىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئىقتىسادنىڭ ھەرىكەتلىنىشىنى مۇۋاپىق ئارىلىقتا ساقلاپ، ئۇسۇلدا بۇرۇلۇش ياساش قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كېرەك. ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭىلىق يارىتىشتا ھەيدەكچىلىك قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ،خېيىم خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تىزگىنلەش ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئېناق مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاپ ۋە قۇرۇلمىنى باراۋەر تەڭشەپ، ماكرو سىياسەت مۇقىم، مىكرو سىياسەت جانلىق، ئىجتىمائىي سىياسەت تىرەك بولغان ئومۇمىي تەپەككۇر يولىدا چىڭ تۇرۇش لازىم. ماكرو سىياسەتنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ،ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى ۋە مۇقىم ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇش كېرەك. يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئىستراتېگىيىلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە مۇلازىمەتچىلىكنىڭ تىرەكلىك رولىنى تەدرىجىي كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى باسقۇچقا قاراپ قەدەم بېسىشىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشى، يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى پائال بايقاش لازىم. ئاشلىق ۋە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساپ، ئاساسلىقى مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋە بايلىقنى كۆپەيتىدىغان ،خورىتىدىغان قوپال ئىگىلىكنى قوغلىشىشتىن، سان بىلەن سۈپەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىدىغان، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان تىجەشچان تەرەققىياتقا قاراپ بۇرۇلۇش ياساش لازىم. ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى قېلىپىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، رايوننىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيىسىنى سىجىل يولغا قويۇپ، بىر بەلۋاغ بىر يول، بېيجىڭ، تيەنجىن،خېبىينىڭ ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. شەھەر بازارلاشتۇرۇشنى پائال مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى بوشاشماي ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، تۆۋەن كېرىملىك ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش، جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مۇقىملىقى بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىش لازىم. ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، يىللىق ئالاھىدىلىك، ئۇزاق مەزگىللىك ئورۇنلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھات لايىھىسى سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئىچكى ئېھتىياج يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇۋېتىپ، ئىمپورت بىلەن ئېكسپورتنىڭ تەڭپۇڭلىقى ، تاشقى مەبلەغ جەلپ قىلىش بىلەن سىرتقا مەبلەغ سېلىشنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا كىرىم چىقىم ئاساسىي تەڭپۇڭلىقىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش لازىم. يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر