باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن يولغا قويىدۇ

2014.12.08 09:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5-دېكابىر چۈشتىن كېيىن ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ھەققىدە 19-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت قوللىنىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەركىن سودا رايونى ئىستراتېگىيەسىنى تېزدىن يولغا قويۇپ، ئېچىۋېتىشچان ئىقتىسادنىڭ يېڭى تۈزۈلمىسىنى تېزدىن ئورنىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىيات، خەلقئارا رىقابەتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

  ئېلىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسى يەر شارى ئىقتىسادى بىلەن ئىچكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە دەل ئۇيغۇنلاشتى. بىر تەرەپتىن 2008-يىلىدىكى پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن، دۇنيا ئىقتىسادى كۆرۈنەرلىك ئاستىلىدى، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا ياسىمىچىلىقنىڭ قايتىدىن تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بەردى، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەر مەبلەغ كىرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىنىڭ بىۋاسىتە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرىدا بەلگىلىك دەرىجىدىكى بۆلۈنۈشنى پەيدا قىلدى؛ يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى مۇقىم ھالىتىگە كىرىپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى تەڭشەپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى بۇلتۇرقى %10 ئەتراپىدىن %7 ئەتراپىغا ئاستىلاتتى.

  سودا مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2002-يىلى جۇڭگونىڭ چەتئەللەرگە بىۋاسىتە سالغان مەبلىغى ئىككى مىليارت 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2013-يىلىغا كەلگەندە كۆپىيىپ 107 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، قىسقىغىنا 12 يىلدا 40 ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن. نۆۋەتتە، جۇڭگو چەتئەللەرگە مەبلەغ سېلىشتا دۇنيادا 3-ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەدىنلا كېيىن تۇرىدىكەن. سودا مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى جاڭ شاڭچېن مۇنداق دېدى: جۇڭگو پات ئارىدا ساپ دەسمايە چىقارغۇچى دۆلەتكە ئايلىنىپ، چەتئەللەرگە سالغان مەبلەغ سوممىسى كىرگۈزگەن چەتئەل مەبلىغىدىن ئېشىپ كېتىدۇ. ھازىرغىچە، جۇڭگو ئىمزالىغان ئەركىن سودا كېلىشىمى 12 گە يېتىپ، 20 دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، جۇڭگو شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى، سىنگاپور، پاكىستان، چىلى، پىرۇ، كوستارىكا، ئىسلاندىيە، شىۋېتسارىيە بىلەن ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىدى، ئىچكى جايلار بىلەن شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ تېخىمۇ قويۇپ ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى شۇنداقلا چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن تەيۋەننىڭ ئىككى قىرغاق ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالاندى.

  جۇڭگو كورىيە ۋە ئاۋسترالىيە بىلەن ئەركىن سودا سۆھبىتىنى تاماملىغاندىن كېيىن يەنە ئالتە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاش ھەققىدە سۆھبەتلەشمەكتە، بۇلار 21 دۆلەت ۋە رايونغا ئالاقىدار بولۇپ، ئايرىم-ئايرىم جۇڭگو بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كومىتېتى، سىرىلانكا ۋە نورۋېگىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى، جۇڭگو-ياپونىيە-كورىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتى» ۋە جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقى ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. باشلاشتىن چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە بولغان جەرياندا، جۇڭگو تەشەببۇس قىلغان ئەركىن سودا پىلانى بارغانسېرى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر