باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇ يۇڭكاڭنى جازالاش قارارى جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

2014.12.08 09:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  5-نويابىر، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى جۇ يۇڭكاڭغا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بىرىش، ئۇنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتى شۇنداقلا جىنايىتىگە ئالاقىدار يىپ ئۇچىنى ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشنى قارار قىلدى. ئالىي خەلق تەپتىش ھەمكىمىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق جۇ يۇڭكاڭنىڭ جىنايىتىنى قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش، ۋە ئۇنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى.

  قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جەمئىيەتتە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما: مەركەزنىڭ بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرشۈپ، بۇ قارار جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، چىرىكلىككە قەتئىي زەربە بېرىش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى، پارتىيە ۋە خەلقىنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، دېيىشتى.

  لياۋنىڭ خېبېي نېفىتلىكى خۇەنشىلىن نېفىت ئايرىش زاۋۇتى چى 5-پونكىتىنىڭ باشلىقى جاۋ چىفىڭ مۇنداق دېدى: جۇ يۇڭكاڭ پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىلق قىلدى ھەمدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزدى، بۇ كىشىنى چۆچىتىدۇ. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما ئۇنى قانۇن ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىشتىن پارتىيەنىڭ پارتىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىرادىسى، مەسىلىسىنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ئىدارىسىنى كۆردى، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش ئۈمىدىنى كۆردى، بۇ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ كۆڭلىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

  نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونۇم رايونى گۇيۈەن شەھىرى شىجى ناھىيەسى خوشىجەي يېزىسى يۈەنجى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ جەنگو مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارارى ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش خىزمىتىگە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدى.

  پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنىڭ چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتۈشكە، ھەتتا پارتىيە نىزامى ۋە پارتىيە تەشكىلىدىن يۇقىرى ئورۇندىن تۇرىدىغان ئالاھىدە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. ھەر قانداق كىشى قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ۋە قاتتىق جازالىنىدۇ. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما: مەركەزنىڭ قارارى پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى ئالدىدا ھەمما كىشى باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، چىرىكلىكنى جازالاشتا چەكلەنگەن رايون بولماسلىق ھەققىدىكى پىرىنسىپىنى تولۇق ئىپادىلەپ بەردى، دېيىشتى.

  جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو پاكلىق تەتىقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى گاۋ بو مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇ يۇڭكاڭنىڭ قولغا ئېلىنىشى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ قاتتىقلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى، بۇ خىل كۈچ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ.

  بىر پارتىيە، بىر ھاكىمىيەتنىڭ تەقدىرى خەلقنىڭ رايىغا باغلىق. چىرىكلىك مەسىلىسى ۋە ناتوغرا ئىستىل پارتىيەدىن يىراقلاشسا، خەلق پارتىيەگە يېقىنلىشىدۇ. كەڭ كادىرلار ۋە ئامما: مەركەزنىڭ جۇ يۇڭكاڭنى بىر تەرەپ قىلىش قارارى پارتىيەمىزنىڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدىغان باش مەقسىتى ۋە ئېتىقادىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، دېيىشتى.

  ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى تەيپۇسى خوشۇنىدىكى موڭغۇل چارۋىچى جاۋلۇ مۇنداق دېدى: چىرىك ئەمەلدارلار كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە زىيان سالدى، كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەلقنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى بۇزدى. مەركەزنىڭ چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاش قارارى خەلق ئاممسىنىڭ كۆڭلىكىدەك ئىش بولدى، ئامما بۇنى قەتئىي قوللايدۇ.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر