باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز 4-دېكابىر تۇنجى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى كۈتۈۋالدى

2014.12.05 10:18         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز 4–دېكابىر تۇنجى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى كۈتۈۋالدى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەل قىلغۇچ تەدبىرى چىقىرىلغان بۈگۈنكى كۈندە، مۇشۇنداق ئالاھىدە ئۇسۇل بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ يۈكسەك ئورنىنى گەۋدىلەندۈرۈش رېئال ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ھالبۇكى، رېئاللىقتا «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قورقۇنچلۇق، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قورقۇنچلۇق ئەمەس»، «ئاساسىي قانۇن يوقىلاڭ قانۇن» دېگەندەك قاراشلار كۆپ ئۇچرايدۇ، ھوقۇقنى قانۇن ئورنىغا دەسسىتىش، ھوقۇق بىلەن قانۇننى بېسىش، شەخسىي غەرەز بىلەن قانۇننى بۇزۇش قاتارلىق ئاساسىي قانۇن، قانۇنغا خىلاپ ئەھۋاللارمۇ ئارىلاپ پەيدا بولىدۇ. خەلق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنىنى يېڭى باشلىنىش قىلىپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك، ئىزچىل يولغا قويۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغداشنى كۈتمەكتە.

  ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئېلىمىز نۆۋەتتە قوللىنىۋاتقىنى-دۆلەتنىڭ ئالىي ھوقۇق ئورگىنى ئارقىلىق، ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش، يەنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: ئەمەلدارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاساسىي قانۇن بىلەن نازارەت قىلىش ۋە ئاساسىي قانۇنغا ئىزاھات بېرىش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم ئىقتىدارى-ئۇلار قولىدا تۇتۇپ تۇرغان دۆلەت ھوقۇقىنىڭ چەك-چېگرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، «مەن بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزەلەمدىم-يوق»، «بۇ ھوقۇق زادى بۇ ئورگاننىڭمۇ ياكى باشقا ئورگاننىڭمۇ» دېگەنلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا باغلىق. ئاساسىي قانۇننىڭ نازارىتى ماھىيەتتە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش. ھوقۇقنى تۈزۈپ قەپىسىگە كىرگۈزۈشتە، ئاساسىي قانۇننىڭ نازارىتى ئەڭ مۇھىم تۈزۈم قەپىسى ھېسابلىنىدۇ.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئاساسىي قانۇن قەسەمياد تۈزۈمى دۆلەت قاتلىمىدىكى بىر مۇھىم تۈزۈم بولۇپ، ئۇنىڭغا چېتىلىدىغان قەسەمنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى، كونكرېت تەرتىپى، قەسەم سۆزىنىڭ مەزمۇنى ۋە قەسەم شەكلى قاتارلىقلارنىڭ نوپۇزى، كەسكىنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئەتراپلىق لايىھەلەشتىن ئۆتكۈزۈپ، بىر تۇتاش بەلگىلىمە شەكىللەندۈرۈش؛ قەسەم تۈزۈمىنىڭ كونكرېت چارىسىنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش كېرەك.

  نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئاساسىي قانۇن قەسەميادىدا، كونكرېت مۇراسىم ئارقىلىق ھەيۋەتلىك كەيپىيات يارىتىپ، دۆلەت خىزمەتچىلىرىدە ئاساسىي قانۇندىن ھېيىقىش تۇيغۇسى پەيدا قىلىپ، ئاساسىي قانۇن تەپەككۇرىنى بارلىق ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىكى خادىملارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئالدۇرۇپ، ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ، ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە ئاساسىي قانۇنغا بويسۇنۇشى شەرت دېگەنلەرنى ئېسىدە چىڭ تۇتقۇزۇش لازىم. ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىدىكى خادىملارنىڭ پەقەت خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مەجبۇرىيىتى بار، خەلقنىڭ ئۈستىدە تۇرۇۋالىدىغان ئىمتىيازى يوق.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر