خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئالتۇن قاپلىق، 800 دانە ئالماس قويۇلغان، 680 مىڭ يۈەنلىك Vertu ماركىلىق يان تېلېفون يوقاپ كەتتى ! بۇ ئىش ۋىنجۇ شەھەرنىڭ ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن.
ساقچىلار دېلو مەلۇمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ھەيران قېلىشتى. بۇنداق قىممەت تېلېفوننى كۆرۈپ باقمىغانلىقىنى، ئايرودرومنىڭ كۆزۈتۈش سېستىمىسىدىنمۇ يىپ ئۇچى تېپىلمىغانلىقىنى ئەگەر يولۇچى تېپىۋىلىپ ئايروپىلانغا چىقىپ كەتكەن بولسا، تېلېفوننى تېپىش تېخىمۇ تەس بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى