- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يەر شارىدا تەخمىنەن 35 مىليون ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار
2014.12.02 09:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
1-دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كېسىلى كۈنى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى كىشىلەرنىڭ يەر شارىدىكى ئەيدىز كېسىلى ئەھۋالىنى تېز ئىگىلىشىگە قۇلايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، يەر شارىدا تەخمىنەن 35 مىليون ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە 3 مىليون 200 مىڭ بالا بار ئىكەن، كۆپ قىسىم يۇقۇملانغۇچىلار ئوتتۇرا تۆۋەن كىرىملىك دۆلەت ۋە رايونلاردا ياشايدىكەن. ئەيدىز كېسىلى يەنىلا ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بىر خىل مۇھىم يۇقۇملۇق كېسەل. 2013-يىلى يەر شارىدا تەخمىنەن 1 مىليون 500 مىڭ كىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر