باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شەندۇڭدا بىدئەتچىلىككە چېتىشلىق قەستەن قاتىللىق قىلىش دېلوسىغا ھۆكۈم چىقىرىلدى

2014.12.01 15:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى 28-نويابىر نارازىلىق ئەرزى سۇنغان جاڭ پەن، جاڭ لىدوڭ، لۈ يىڭچۈن قاتارلىق بىدئەتچىلىككە چېتىشلىق قاتىللىق دېلوسىغا 2-سوتتا قاراپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلى ھۆكۈمنى ساقلاپ قىلىش؛ جاڭ پەن، جاڭ لىدوڭنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش كېسىمىنى ساقلاپ قىلىپ،قانۇن بويىچە ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تەستىقلىشىغا سۇنۇش كېسىمى چىقاردى.

  2014-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە جاڭ پەن، جاڭ لىدوڭ، لۈ يىڭچۈن، جاڭ خاڭ، جاڭ چياۋليەن قاتارلىقلار ماكدونالد ئالدىدىكى مەيداندا دەسسەش، تېپىش؛ پول سۈرتكۈچ، ئورۇندۇق بىلەن ئۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋۇ فامىلىلىك كىشىنى ئۇرۇپ، قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن نەق مەيداندا ئۆلتۈرۈۋەتكەن. ۋەقەدىن كېيىن، بۇ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىنىڭ كەڭ دىققىتىنى تارتتى.

  يەنتەي شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 2014-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى بۇ دېلوغا 1-سوت ھۆكۈمى چىقىرىپ، قەستەن قاتىللىق قىلىش جىنايىتى ۋە بىدئەتچىلىك تەشكىلاتىدىن پايدىلىنىپ، قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جاۋابكار جاڭ پەن، جاڭ لىدوڭلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش، لۈ يىڭچۈنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش؛ قەستەن قاتىللىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن جاۋابكار جاڭ خاڭ، جاڭ چياۋليەنلەرگە ئايرىم ئايرىم 10 يىللىق، يەتتە يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىش ھۆكۈمى چىقاردى. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، جاڭ پەن، جاڭ لىدوڭ، لۈ يىڭچۈن، جاڭ خاڭ، جاڭ چياۋليەنلەر نارازىلىق ئەرزى سۇندى.

  شەندۇڭ ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە كېڭەشمە سوت تەشكىللەپ، 2014-يىلى 11-ئايىنىڭ 21-كۈنى بۇ دېلوغا ئوچۇق سوت ئاچتى. كېڭەشمە سوتتا نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىلار، ئاقلىغۇچىلارنىڭ نارازىلىق ئەرزى سۇنۇشتىكى سەۋەبى ۋە ئاقلاش پىكرى ئومۇميۈزلۈك قاراپ چىقىلىپ، 1-سوت ھۆكۈمىدە بېكىتىلگەن پاكىتلار ئېنىق، ئىسپات راست،تولۇق، جىنايەت توغرا بېكىتىلگەن، جازا ئۆلچىمى مۇۋاپىق، سوتلاش تەرتىپى قانۇنلۇق، نارازىلىق ئەرزى سۇنغۇچىلارنىڭ سەۋەبى ۋە ئاقلىغۇچىلارنىڭ ئاقلاش پىكرى پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، قانۇن بويىچە ئىلگىرىكى كېسىم بويىچە ئىش كۆرۈلسۇن دەپ قارالدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر