باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئىستاتىستىكىدا ۋەدىسىدە تۇرمىغان كارخانىلارنى ئېلان قىلدى

2014.11.30 23:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 28-نويابىر «ئىستاتىستىكىدا ئېغىر سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاشنىڭ ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ئىستاتىستىكا ئۇچۇر تورى ئارقىلىق، جەمئىيەتكە قانۇن بويىچە بېكىتىلگەن ئىستاتىستىكىدا ئېغىر سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان كارخانىلارنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىدى.

  ئىستاتىستىكىدا ئېغىر سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان كارخانىلار-قانۇن بويىچە قانات يايدۇرغان ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، ساختا، يالغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يالغان مەلۇم قىلغان، يوشۇرغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرى بىر قەدەر كۆپ ياكى يالغان مەلۇم قىلىش، يوشۇرۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ھەم ئىستاتىستىكا جەھەتتىكى باشقا قانۇنغا ئېغىر خىلاپ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن مەمۇرىي جازاغا ئۇچرىغان ئۈچ خىل ئەھۋالنىڭ بىرىگە ياتىدىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.

  ۋاقىتلىق چارىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكا ئورگانلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئىستاتىستىكىدا ئېغىر سەمىمىيەتسىزلىك قىلغان كارخانىلارنىڭ ئۇچۇرىنى پۇل مۇئامىلە، سودا-سانائەت قاتارلىق كەسىپلەر ۋە تارماقلارنىڭ ئىناۋەتلىك ئۇچۇر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى، ھۆكۈمەت تولۇقلىما بېرىش، سودا-سانائەتتە رويخەتكە ئېلىپ باشقۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن چاتىدۇ. پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلار ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكا ئورگانلىرىنىڭ سەمىمىيەتسىز كارخانا ئۇچۇرىنى ئاشكارىلاش خىزمىتىدىكى كونكرېت مەمۇرىي ھەرىكىتى ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى قىلغان دەپ قارىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلسا ياكى مەمۇرىي دەۋا قىلسا بولىدۇ.بۇ ۋاقىتلىق چارە كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن تارتىپ يولغا قويۇلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر