باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 2-پەرزەنتلىك بولىدىغانلارنىڭ يالغۇز پەرزەنتلىك پۇلىنى قايتۇرۇش قايتۇرماسلىقنى ئايدىڭلاشتۇردى

2014.11.28 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا، جېڭجۇدا چېڭ خانىم 2-پەرزەنتلىك بولۇش ئىلتىماسىنى سۇنغاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەھرىمان بولۇپ كېلىۋاتقان يالغۇز پەرزەنت پۇلىنى قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. سەۋەب «خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت نىزامىدىكى» بەلگىلىمىدە 2- پەرزەنت بولۇش ئىلتىماسى تەستىقلانغانلار«يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا ئانىلارنىڭ شەرەپ گۇۋاھنامىسى» ۋە ئىلگىرى ئېلىپ كېلىۋاتقان يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا ئانىلارنى مۇكاپاتلاش پۇلى ۋە باشقا مۇكاپاتلارنى قايتۇرۇشى كېرەك دېيىلگەن.

  دۆلەتلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى: مەركەزنىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا «دۆلەتلىك سەھىيە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەمەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى» تارقىتىپ، تۇغۇت سىياسىتىنى تەڭشەپ مۇكەممەللەشتۈرۈش يۈرۈشلۈك سىياسەت تەدبىرلىرى ۋە ئالاقىدار خىزمەتلەرگە كونكىرت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى،«يالغۇز پەرزەنت ئاتا-ئانىلار يەنە بىر بالا تۇغۇشنى ئىلتىماس قىلسا،«يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا ئانىلار شەرەپ گۇۋاھنامىسىنى» بىكار قىلىشى، يالغۇز پەرزەنتلىك ئاتا ئانا مۇكاپات پۇلىنى ئېلىش توختىتىلىشى، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئالغان پۇلىنى قايتۇرمىسىمۇ بولىدۇ دەپ ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر