باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 944 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يەتتى

2014.11.28 15:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ 27-نويابىردىكى مەلۇماتىغا قارىغاندا،1-ئايدىن 10-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدا ئومۇمىي سوممىسى 4 تىرىليون 944 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.7 ئاشقان؛ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى 9-ئايدىكىدىن 1.2پوئىنت تۆۋەنلىگەن.

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى سانائەت مەھكىمىسى سانائەت ئۈنۈمى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى خې پىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى 10 ئايدا ئېلىمىزدىكى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى يەنىلا بەلگىلىك مۇقىملىقنى ساقلىدى؛ پايدا نىسبىتى مۇقىملىق ئىچىدە ئاشتى؛ مۇنتىزىم ئەھۋالدا سانائەتنىڭ ئىقتىساد ئۈنۈمى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم ھەرىكەتلەندى.

  خې پىڭ 10- ئايدا سانائەت پايدىسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ ئاساسلىقى بازار ئېھتىياجى ياخشى بولمىغانلىقتىن مەھسۇلات تىجارىتى ئاستىلىغانلىقى،تەننەرخنىڭ ئۆرلىشى تىجارەتنىڭ يۈكسىلىشىدىن تىز بولغانلىقى ۋە باھانىڭ تۆۋەنلىشى پايدا بوشلۇقىنى قىسقانلىقدىن بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر